خىتايدا ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ " چوڭ نامايىش قىلىش" ئىشلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتاي دۆلەتلىك قانۇن بېكىتىش ئورگىنىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ كۆرسىتىشىچە، خىتايدا ئىقتىسادنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ " چوڭ نامايىش قىلىش" ئىشلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ رەئىسى ياڭ جىڭيۈ چارشەنبە كۈنى شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا، 1995- يىلىدىن 2006 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەمگەك ھوقۇقىغا ئائىت 13 قېتىمدىن ئارتۇق نامايىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما مەزكۇر خىتاي ئەمەلدارى بۇ نامايىشلار ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن ياكى مىسال كۆرسەتمىگەن ۋە ياكى بۇ خىلدىكى نامايىشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە كۆپ توختالمىغان.
ياڭ: " زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە شەھەرلەشتۈرۈش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ خىتايدا ئىشچىلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىغا دەخلى تەرز قىلىش قىلمىشلىرى كۆپەيمەكتە" دېگەن ۋە پەقەت خىتايدىكى چوڭ ھەم ئوتتۇرا تىپتىكى شىركەتلەردىن 20 پىرسەنتىلا ئىشچىلار بىلەن ئەمگەك توختىمى تۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە، ماللارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، يېرىمدىن كۆپرەك كارخانىلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئىشچى ئالىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئىشچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قانۇنى ھەق- ھوقۇقنى قوغداپ قېلىشى بەك تەسكە توختايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
شۇنىڭغا يانداشقان ھالدا، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش شىركىتى Wal-Mart ئۆزىگە مال تەمىنلەيدىغان ئىككى خىتاي شىركىتى ئىشچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلدى، دەپ قارىغاچقا پەخەس بولماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ۋال-مارت پارچە سېتىش شىركىتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى جوناتھان دۇڭ ۋال-مارت ئۈچۈن مەھسۇلات تەمىنلەيدىغان يۈﯤ ۋىڭچۇڭ يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى شىركىتى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق شارپا شىركىتىنىڭ ئىش تۈزۈمىدە مەسىلە بارلىقىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دۇنيادىكى ئىتىۋارىنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن بەزى شىركەتلەرنى تاقاشقا باشلىدى
- تەيۋەن خىتايدا ئىشلەنگەن ئالتە خىل ئاياغقا قارىتا تۆكۈپ سېتىش بېجى ئېلىشقا باشلىدى
- خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ 5 دەن بىر قىسىمىنىڭ ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقى بايقالدى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئېكسپورت قىلغان ئاياق كىيىملىرىدىن باج ئېلىشنى قارار قىلدى
- كاپىتالىستىك Wal-Mart جۇڭگودا كومۇنىستلاشتى
- خىتاي ئامېرىكىدىن 80 دانە بويىڭ ئايرۇپىلانى سېتىۋېلىشقا كېلىشتى
- پرېزىدېنت بۇش سودا مەسىلىسىنى جۇڭگو - ئامېرىكا باشلىقلار سۆھبىتىدىكى مۇھىم تېما دېدى
- ھىندىستان ۋە خىتاي قەدىمىي يىپەك يولىدا قايتا سودا باشلاش پىلانىنى كېچىكتۈردى