خىتاي خەۋەر تورىنىڭ خەۋەر ئېلان قىلىشىچە، يېقىندا گۇاڭشىنىڭ فېڭشەن كەنتىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ب تىپلىق جىگەر كېسىلى تارقالغان بولۇپ، ھازىرغىچە 36 ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى ھەققىدە رەسمىي دىئاگنوز قويۇلغان. ئاز دېگەندە يەنە 27 ئوقۇغۇچىنىڭ جىگەر ياللۇغى بىلەن يوقۇملانغانلىقىدىن گۇمان قىلماقتا ئىكەن.
گۇاڭشى ئۆلكىلىك مۇناسىۋەتلىك دائىرلىرىلەرنىڭ مۇخبىرلارغا ئاشكارلىشىچە، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى مەزكۇر كەنتنىڭ ئىچىملىك سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، كەنتتىكى كىشىلەردە كۆڭلى ئېلىشىش، ئىچى سۈرۈشكە ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى -11 ئايدىن باشلاپلا كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئەمما دائىرىلەر جىگەر كېسىلىنىڭ ھازىرقىدەك كەڭ دائىرىدە تارقىلىش يۈز بەرگۈچە چھېچقانداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان.
بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن 15 ئوقۇغۇچىنىڭ جىگەر ياللۇقى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقىلىپ مەكتەپتىن قوغلانغان ئىدى. (گۈلچېھرە)
- جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا -ئانىسى بېسىم ئاستىدا ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولدى
- جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچى داۋاگەر ياش ئۆسمۈرلەر ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىدا ئەرزىنى قايتۇرۇۋالدى
- داۋاگەر ئاتا - ئانىلار "جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار ئوقۇغۇچىلار داۋاسىدا" ساقچىلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىقرار قىلدى
- جىگەر ياللۇغى كېسەللىكىگە گىرىپدار بولغۇچى دەۋاگەر ئوقۇغۇچىلار ئائىلە تاۋابىئاتى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىدى
- مائارىپ نازارىتى جىگەر ياللۇغىغا گىرىپدار بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشتىن ھەيدىگەنلىكىنى ئاقلىدى