كاندىلىزا رايىس خىتايدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى


2008.02.28

بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراتقان بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى كاندىلىزا رايس چارشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرى ياڭ جېچى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى ۋە تۈرمىدە يېتىۋاتقان سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھىم تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

رايس سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا، " مەن مىنستىرغا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قايغۇ ۋە ئەندىشىلىرىمىزنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدىم" دېگەن ئىدى.

بۇ ئارىدا، خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرى دېۋىد مىلىباند پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ مۇھىم تېىمىنى تەشكىل قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مىلىباند، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرى ياڭ جېچى بىلەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، "بۇ قېتىم زىيارىتىم جەريانىدا شۇنىڭدەك بۈگۈن ئەتىگەن تاشقى ئىشلار مىنستىرى ياڭ جېچى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە داۋاملىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسىنى مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويدۇم" دېدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.