خىتايدا مەيدانغا كەلگەن كەلكۈندە 170 كىشى ئۆلدى


2006.07.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى شەھەرلەردە بىر نەچچە كۈندىن بېرى ياققان يامغۇر نەتجىسىدە مەيدانغا كەلگەن كەلكۈندە ئازدېگەندە 170 كىشى ئۆلدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، كەلكۈن نۇرغۇن ئويلەر نىڭ ۋەيران بولۇشىغا، پويىز ۋە ماشىنا يوللىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بەزى رايونلاردا ئىلكتېر ۋە سۇ تارقىتىش سېستىمىسلىرى پۈتۈنلەي بۇزۇلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى خونەن، گۋاڭدوڭ ۋە فۇجىيەن ئۆلكىلىرىدە ئۆلگەنلەرسانى 170 گە ، ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەلەر سانى 138 كىشىگە يەتكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جەمئىي 20 مىليون كىشى بۇ قېتىمقى تەبىي ئاپەتتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ھۆكۈمەت 2 مىليون 2 يۈزمىڭ كىشنى باشقا رايونلارغا يۈتكەشكە مەجبۇر بولغان.

خىتاي مەتبۇتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تەبئىي ئاپەتتىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 12 مىلىيارد يۈنگە يەنى 1 مىليارد 5 يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. خىتاي مىترولوگىيە ئىدارىسى فۇجىيەن، خونەن ۋە گۋاڭدوڭ ئۆلكىلىرىدا يامۇر يېغىشى يەنە ئىككى كۈن داۋاملىشىدىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.