كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقتا ئۆزگۈرۈش ياساشقا چاقىردى


Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 24 - ئاۋغۇست كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 2008 - يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىغىچە،خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش ياسىشىنى تەلەپ قىلدى.

29 - ئاۋغۇست كۈنى، گېرىتسىيەدە، ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ۋەكىلى ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياداڭنىڭ ئېيتىشىچە ، خىتاي خەلقئارالىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نۇرغۇن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك ، ئەگەر خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى داۋاملىق ناچارلاشسا، خىتاي خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرايدۇ.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان "خىتاي ئولىمپىك كۆزىتىش" تور بېتى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېنتېرنەت ۋە مەتبۇئاتلار ئۈستىدىكى نازارەتنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى ، ئىشچىلارنىڭ ئەركىن تەشكىلات ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇشىغا يول قويۇشى كېرەكلىكىنى شۇنداقلا يەنە ئولىمپىك قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئاھالىنىڭ كۆچۈش ھوقۇق - مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.