يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، ئادەتتىن تاشقىرى دىققەتكە سازاۋەر بولماقتا


2007.12.20

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە خىتاي ئىچىدىكى تەنقىدچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىغا قەدەر كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ بارمىغان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغان.

ئولىمپىك قانۇنىدا ئېنىق ھالدا ؛ " مىللەت، دىن، سىياسەت، جىنسى ۋە ياكى باشقا باھانىلاردا بىر دۆلەتكە ياكى بىر شەخسكە قارىتا ھەرقانداق بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان كەمسىتىش ھەرىكىتى، ئولىمپىكقا ئەزا بولۇش سالاھىيىتىگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ". " ھېچقانداق كەمسىتىش يۈز بەرمىگەن شارائىتتا، ئولىمپىك روھىغا ماس كېلىدىغان تەنتەربىيە پائالىيىتى ئارقىلىق ياشلارنى تەربىيىلەپ، بۇ ئارقىلىق، تىنچ ۋە تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش" دېگەن ماددىلار تەكىتلەنگەن بولۇپ، شۇڭا نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆزەتكۈچىلەر ۋە تەنقىدچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا.

نۇرغۇنلىغان تەنقىدچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەينى ۋاقىتتا بېيجىڭ ئولىمپىكىنى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغان. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇق، سىياسىي ھوقۇقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كەمسىتىلىش مەسىلىلىرىنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ھەرگىز مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

خىتاي تېخى يېقىندىلا بىر قانچە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىغان ئىدى.(ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.