خىتاي ھۆكۈمىتى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئۈچۈن كۆپ مەبلەغ ئاجراتتى

خىتاينىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا 2010 ‏- يىلىغىچە تارىخىي شەھەر، مەھەللە قاتارلىق ھەرخىل مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئۈچۈن 1 مىليارد يۇەن مەبلەغ ئاجراتقان.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لۇ جەنسۇڭ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، جۇڭگودەك بىر نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بىر چوڭ دۆلەتتە ھازىر تارىخى شەھەر ئىزلىرىدىن ئاران 109 ى، تارىخى مەھەللە ئىزلىرىدىن 157 سى قالدى. قالغانلىرى ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدىكى شەھەرلەشتۈرۈش ھەرىكىتى جەريانىدا ئوغرىلىقچە قېزىلىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. ئۇنىڭدىن ئوغرىلانغان مەدەنىي يادىكارلىقلار قاراڭغۇ بازاردا ئاشكارا سېتىلىۋاتىدۇ.

ھۆكۈمەتنىڭ 'مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت ئېلىش' دېگىنى بىر قۇرۇق شەكىل بولۇپ قالدى، دېگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، جايلاردىكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئورۇنلىرىدىكى كىشىلەرنى ئۆلكە، شەھەر باشلىقلىرى ئۆزى بەلگىلەپ قويغان بولغاچقا، ئۇلار يۇقىرىدىن بۇيرۇق كەلگەندە، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغدايمەن دەپ چىڭ تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

بۇ پروفېسسورنىڭ قارىشىچە، ھازىر بېيجىڭدىن شىئەنگىچە سوزۇلغان تارىخى مەدەنىيەت بەلۋىغىدا، بۇرۇنقى تارىخى ئىزلارنى كۆرگىلى بولمايدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. دۇنيادا 'قەدىمى ئەل' دەپ ئاتالغان بىر چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك ھادىسە. ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجراتقانلىقى ياخشى ئىش، ئەمما بۇ 'ماللارنى يىرتقۇچلار يەپ بولغاندىن كېيىن قوتان سالغان' غا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. (ۋەلى)