ھىندىستان پۇتبول چولپىنى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى توشۇشنى رەت قىلدى


2008.04.01

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئولىمپىك مەشئىلى ھىندىستانغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇنى ھىندىستاننىڭ پۇتبول چولپىنى بايچۇڭ بۇتىيانىڭ توشۇيدىغانلىقى پىلانلانغان ئىكەن.

ئەمما، بايچۇڭ بۇتىيا سەيشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ پايتەختى يىڭى دېھلىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى قولىغا ئالمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

بايجۇڭ بۇتىيا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى توشۇشنى رەت قىلغان دۇنيادىكى تۇنجى ئاتاغلىق تەنھەرىكەتچى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ ئارىدا، چەتئەللەردىكى تىبەتلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇشىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى، تىبەت مۇستەقىلچىلىرىنىڭ " ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار ئېلىپ بېرىش " نى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، ۋۇ خېپىڭ، سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تىبەت مۇستەقىلچى كۈچلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پىلانى، قانلىق ھۇجۇملار ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت دېگەن.

لېكىن، تىبەت تەشكىلاتلىرى، تىبەتلەرنىڭ كۆرىشىنى تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ باياناتىنى پۈتۈنلەي رەت قىلدى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.