'خىتاي ئۇچۇر مەركىزى' نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ھۆججەت تارقىتىپ، زور كۈچ بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ساقلاشنى تەكىتلىگەن.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتى چۈشۈرگەن ھۆججەتتە، ھازىر خىتايدا جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان 4 خىل ئامىل، يەنى 1-دىن، ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكى ۋە مۇداخىلە سىياسىتى؛ 2 - دىن، غەرپ كۈچلىرىنىڭ خىتايدا غەربلەشتۈرۈش ۋە پارچىلاشنى يولغا قويۇپ، خەلقنى ئۆزىگە مايىل قىلىۋالغانلىقى؛ 3 -دىن، يەر-زېمىنىدىن پايدىلىنىش ۋە ئاھالىلارنى كۆچۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەردىن پەيدا بولۇۋاتقان ئىچكى زىددىيەت ئەھۋالى؛ 4 - دىن، چەتئەللەردىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات نامى بىلەن ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللار ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتى چۈشۈرگەن ھۆججەتتە ، چېگرا سىرتىدىكى دىنىي تەشكىلاتلار ، فالۇنگۇڭچىلار ۋە باشقا بىدئەت كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش، باش كۆتەرسىلا زەربە بېرىش، ئالدى بىلەن مۇش ئېتىش، يۇقىرىي بېسىم ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم، دەپ تەكىتلەنگەن. (ۋەلى)