ئەنخۈيدە ئون مىڭدىن ئارتۇق پىنسىيىگە چىققان ئىشچى نامايىش ئۆتكۈزدى


2004.10.25

خىتاينىڭ ئەنخۈي ئۆلكىسى باڭبۇ شەھىرىدە ئون مىڭدىن ئارتۇق پىنسىيىگە چىققان ئىشچى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى كوچىلارغا چىقىپ، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ۋە پىنسىيە تەمىناتىنىڭ ئازلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،نامايىش بىر نەچچە كۈن داۋاملاشقاندىن كىيىن، باڭبۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جىددى يىغىن ئېچىپ، پىنسىيىگە چىققان ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىمكانىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ھەقتە نامايىشچىلارغا ھىچقانداق ۋەدە بەرمىگەن.

نۇرغۇن نامايىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ پىنسىيە ھەققىنىڭ ئازلىقىنى، داۋالىنىش راسخوتى رەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلغان. خىتايدىكى ئەمگەكچىلەر ھوقوقىنى كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، پىنسىيىگە چىققان ئىشچىلار ئۆتكۈزگەن بۇ نامايىشتا ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ شەھەردىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنلىرى توسۇلغان. نامايىش دۈشەنبە كۈنىگىچە داۋاملاشقان. باڭبۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت نەچچە يۈزلەپ ساقچىنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما نامايىشنى توسالمىغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.