ياپونغا قارشى نامايىشلار داۋام قىلماقتا
2005.04.11

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ دۈشەنبە كۈنى، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى خىتاينىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن ياپونىيىگە قارشى نامايىشنىڭ مەسۇلىيىتى جوڭگو تەرەپتە ئەمەس دەپ بىلدۈردى.
بىراق، يەكشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتايدا يۈز بەرگەن چوڭ كۆلەملىك نامايىشتىن نارازى بولغانلىقىنى شۇنىڭدەك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دەرھال ياپونىيە تەرەپتىن رەسمىي يوسۇندا كەچۈرۈم سوراپ، كېلىپ چىققان زىيانلارنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
نامايىشنىڭ سەۋەبى
ئەسلىدە، شەنبە كۈنى نەچچە ئون مىڭلىغان بېيجىڭلىق ياش، ياپونىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ شۇئار توۋلاپ، ئاممىدىن ياپونىيىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە ياپونىيە ئەلچىخانىسىغا تاش ئېتىپ ئەلچىخانىنىڭ ئىشىك - دەرىزىلىرىنى چېقىۋەتكەن.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نامايىشچىلار "ياپونىيىنىڭ تارىخ دەرسلىك كىتاۋىدا 2 - دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ئۇرۇش جىنايىتى بولۇپمۇ خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى تىلغا ئېلىنمىدى" دېگەننى باھانە قىلىپ، مەزكۇر نامايىشنى ئېلىپ بارغان ئىكەن.
شۇ كۈنى يەنە، گۇاڭجۇ شەھىرىدە 3 مىڭغا يېقىن كىشى ياپونىيىنىڭ گۇاڭجۇدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا شۇئار توۋلاپ، ساقچىلار بىلەن تىركەشكەن.
نامايىشچىلار يەنە، ياپون رېستۇرانلىرىغا تۇخۇم ئېتىپ، ئىشىك - دەرىزىلەرنى چاققاندىن سىرت، يوللاردا توختىتىپ قويۇلغان ياپون ئاپتوموبىللىرىنى ئۇرۇپ چاققان ۋە ھەتتا ياپون بايراقلىرىنى كۆيدۈرۋەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسى
ئىككى كۈنلۈك قالايمىقانچىلىقتىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چى گاڭ، بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ياپونىيىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلاردىن ئېغىر بېسىق بولۇشىنى، ئۆز پوزىتسىيىسىنى قانۇن ۋە تەرتىپ ئاستىدا ئىپادىلىشى كېرەكلىكىنى ئىزچىل تۈردە تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياپونىيىنىڭ خىتايدىكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ ۋە ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ بۇ جەھەتتە تەدبىر ئالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا مەتبۇئاتىدا
"ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ تەرەپ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەتتە ئاممىنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈش تەلىۋىگە رۇخسەت بەرمەيدىغانلىقىنى، بىراق بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئالاھىدە بىر ئەھۋال ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
"ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" يەنە ، جوڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بۇ قېتىمقى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان بىر تەتقىقانچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ 2 كۈن ئىلگىرى نامايىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ساقچىلاردىن رۇخسەت ئالغانلىقىنى، ساقچىلار بولسا نەق مەيدان ئەھۋالىغا قاراپ ئۇلارغا جاۋاب بەرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىلگىرى ياپونىيە تەرەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەكتەپ دەرسلىكىنى باھانە قىلىپ ھەمدە ئاممىۋى مەتبۇئاتلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ياپونىيىگە قارشى تۇرۇش كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تېرىشىۋاتقانلىقىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ئىدى.
ياپونىيىدە چىقىدىغان "ئوقۇرمەنلەر" ژورنىلىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، بۇ ھەقتە بېرىلىدىغان خەۋەرلەرنى كونترول قىلماقتا ئىكەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەكشەنبە كۈنى مەزكۇر نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 20 مىڭ ئەتىراپىغا يەتكەن.
كۈزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتە ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئالدى بىلەن خىتاي تەرەپتىن كېلىپ چىققان . بولۇپمۇ خىتاينىڭ دەرسلىك كىتابلىرى، تارىخ ماتىرياللىرى ھەتتا كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ياپونىيىنىڭ ئۇرۇش دەۋرىدە خىتاي پۇقرالىرىنى قانداق ئۆلتۈرۈگەنلىكى ھەققىدىكى ۋەقەلىكلەر ئىنتايىن ۋەھشى ۋە قورقۇنچلۇق قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ياپونىيىلىكلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكى يېقىندا شەكىللەنگەن ئەمەس ئىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گۇاڭجۇ ۋە شېنجېن شەھەرلىرىدە ياپونغا قارشى نامايىش يۈز بەردى
- ياپونىيىنىڭ تارىخ دەرسلىكى توكيو بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى كۈچەيتتى
- خىتايدا ياپونىيىگە قارشى نامايىشلار ئۇلغايدى
- ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ سانكاكو تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ كۈچەيدى
- ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە سۈركىلىشلەر مەيدانغا كەلمەكتە