خىتاي دائىرىلىرى ئەسكەرلەرنىڭ نامايىشقا چىقىشىنى چەكلىدى


2005.08.16

خىتايدا خەلق نامايىشلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى يېقىندا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى نامايىشلارغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"ئازاتلىق ئارمىيە كۈندىلىك گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى بەلگىلىمە بويىچە، ھەربىي فورما كىيگەن ھەر قانداق ئايال ياكى ئەر ئەسكەرنىڭ، نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە ياكى ئەرز سۇنۇپ ھازىرلانغان ھەر قانداق شەكىلدىكى يىغىلىشلارغا قاتنىشىشى چەكلەنگەن.

گېزىتتە يەنە، پارتىيىنىڭ ئارمىيىگە بولغان رەھبەرلىكىگە بويسۇنماي، دۆلەتنىڭ ياكى ئارمىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ قالغان ھەر قانداق بىر ھەربىي خادىمنىڭ، پارتىيىدىن دەرھال قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرغان.

بۇ يىل 4 - ئايدا پېنسىيىگە چىققان 2000 دىن ئوشۇق خىتاي ئازادلىق ئارمىيە ئەسكىرى، پېنسىيە پۇلى ۋە باشقا كاپالەت تەمىناتلىرىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن نارازى بولۇپ، بېيجىڭدا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى. خىتاي دېموكراتىك كۈزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست دائىرىلىرىنىڭ بۇ بەلگىمىسى يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزلىرىگە بولغان نارازىلىقلارنى يوقىتىشقىمۇ قارىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.