خىتايدا ئون مىڭ كىشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى


2005.12.12

خىتاينىڭ گۋاڭجۇ ئۆلكىسىنىڭ چىفۇ يېڭى يېزىسىدا ئون مىڭ كىشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئىككى يولنىڭ ئاممىۋىي قاتناشقا ئىچىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يېزىدا نۇرغۇنلىغان خوڭكوڭلىقلار ياشايدىغان بولۇپ، نامايىشچىلارنىڭ 30 پىرسەنتى مەزكۇر يېزىدىن ئۆي سىتىپ ئالغان خوڭكوڭلۇقلار ئىكەن.

خىتاي ساقچىلىرى نامايىشچىلارنىڭ قاتناشنى توختىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر ئالغان. ئەمما نامايىشچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى توختىتىشقا تىرىشمىغان. نامايىش بىر سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، نامايىشچىلار بىر سائەتتىن كېيىن ئۆزلىكىدىن، تىنچلىق بىلەن تارقاپ كەتكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى نامايىش چىفۇ يېزىسى ئاھالىسىنىڭ،يېقىندا ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر يېزا ئىچىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان يولنى ئاممىۋىي قاتناشقا ئىچىش قارارىغا قارشى ئۆتكۈزگەن ئىككىنچى قېتىملىق نارازىلىق ھەرىكىتى ھېسابلىنىدىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.