مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ئۇيغۇر ئېلىگە پالانغان خىتايلار شاڭخەيدە نامايىش قىلدى


2006.05.17

چارشەنبە كۈنى 150 كە يېقىن كىشى شاڭخەيدە نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ئۇچرىغان زىيانلىرىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ شاڭخەيلىك نامايىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىگە پالانغانلار ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار " ھەق تەلەپ قىلىش گۇنا ئەمەس" دېگەن لوزونكىنى كۆتۈرۈپ، شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىگە ئوخشاش چەت رايونلارغا پالانغانلىقىنى، ھەمدە مەجبۇرىي ھالدا ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەرگە سېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ كىشىلەر يەنە، مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئاخىرلىشىپ شاڭخەيگە قايتىپ كەلگەندە، يەر-زېمىنلىرىنىڭ ئاللىقاچان باشقا كىشىلەرگە بېرىلىپ بولغانلىقىنى سۆزلەپ ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا تېگىشلىك ھەق بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر ئايال نامايىشتا " ئۇلار بىزنى مەجبۇرىي شۇ جايلارغا ئەۋەتكەن. بىز ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ بىزدىن ئېلىۋالغان نەرسىلەرنى تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز" دېگەن.

1966‏- يىلى باشلانغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ئاز دېگەندە نەچچە مىليون كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى. بۇ ئىنقىلابنىڭ 40 يىللىقى سەيشەنبە كۈنى خىتايدا چوڭ داغدۇغا پەيدا قىلمىدى. بۇنداق بولۇشى كىشىلەرنىڭ بۇ تېمىغا قىزىقمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ تېمىدىكى ھەر قانداق پائالىيەتلەرنى قاتتىق چەكلىگەنلىكىدىن بولدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.