ساختا دىپلوم نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى


2006.10.26

جياڭشى ئۆلكىسىدىكى ئىككى خۇسۇسى ئىنىستىتۇتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، مەكتەپ دائىرىلىرى ئۈستىدىن نارازىلىق بىلدۈرۇپ نامايىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ساقچىلارنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ۋەقە جياڭشى ئۆلكىلىك كىيىم - كېچەك لايىھىلەش ئىنىستىتۇتىنىڭ دۆلەت ئېتىراپ قىلمىغان "ساختا ئۇنۋان كىنىشكىسى" تارقىتىش دىلوسىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغان نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، مەزكۈر مەكتەپنىڭ مال - مۇلۈكلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلار يەنە، 29 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى نەنچاڭ شەھىرىدىكى ئون مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى كەڭ كۆلەملىك بىر نامايىش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان، نۆۋەتتە جياڭشى دائىرىلىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 5000 ئامانلىق ساقچىسىنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىنى بىكار قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان نازارەتنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغان.

21 ‏- ئۆكتەبىر ۋە 24 ‏- ئۆكتەربىر كۈنلىرى ئارقا - ئارقىدىن چىققان ئىككى قېتىملىق توقۇنۇشتا، ئاز دىگەندە 20 ئادەم يارىلانغان 5 ئادەم قولغا ئېلىنغان.

خوڭكوڭ دىموكراتىك مەركىزىنىڭ بىلدۈرىشىچە، جياڭشىدا قايتا پارتلاش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە ، 10 مەكتەپتىكى 60 مىڭ ئوقۇغۇچىدىن 10 مىڭى خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.