خۇنەندىكى ئامما ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلدى
2007.03.12
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 12 - مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا خىتايدىكى مىڭلىغان خىتاي دېھقان ۋە بوشىتىۋىتىلگەن ئىشچىلار نامايىش قىلغان. نامايىش جەريانىدا ئۇلار ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ساقچى ماشىنىلىرىنى بۇزۇپ چاققان. يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان بىر يورۇش نامايىشلارنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
ئۆتكەن جۈمە كۈنى خۇنەندە يۈز بەرگەن بۇ نامايىش جەريانىدا 9 دانە ساقچى ماشىنىسى كۆيدۈرۈلگەن بولۇپ، 20 مىڭغا يېقىن نامايىشچى ئامما، مىلتىق ۋە توك كالتەكلەر بىلەن قوراللانغان 1000 غا يېقىن ساقچى بىلەن توقۇنۇشقان.
خۇنەندىكى بىر ھۆكۈمەت خادىمى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن تېلېفۇن زىيارىتىدە "ئامما ھۆكۈمەتنىڭ بەزى قىلمىشلىرىدىن رازى بولمىغاچقا بۇ نامايىشىنى قىلغان" دەيدۇ.
مەركىزى چەتئەلدىكى ئىنسان ھەقلىرى تور بىتى بوشۇن تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ نامايىشنىڭ پارتلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر بولسا، ئاممىۋىي قاتناش ھەققىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى ئىكەن.
خۇنەن ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئىيتىشىچە نامايىش تىنجىتىلغان ۋە نۇرغۇنلىغان نامايىشچىلار قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنى ئىزلەۋىتىپتۇ.
خىتايدا ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان باي-كەمبەغەللىك پەرقى، چىرىكلىك ۋە ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشى قاتارلىقلار خىتايدا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان نامايىش ۋە توپىلاڭلارنى پەيداقىلىدىغان ئاساسى ئامىللاردۇر.
خىتاي ھوكۈمىتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى خىتايدا، تەشۋىقات ۋارىقى چاپلاش، داۋا-مۇراجەتلەر ۋە نامايىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئالغان 23مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق "ۋەقە" يۈز بەرگەن ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي پارتىيە مەكتىپى خىتايدا مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
- خاڭجۇدا 3000 نەپەر ئىشچى - خىزمەتچى نامايىش ئۆتكۈزدى
- ساختا دىپلوم نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىشچىلار خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى
- 1-ئىيول كۈنى خوڭكوڭدا چوڭ نامايىش بولدى