كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھرىدە تىبەت خەلقى بىلەن نامايىش

0:00 / 0:00

10- مارت كۈنى تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 48 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھرىدە، خىتاي دائىرلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. بىر نەچە سائەت داۋام قىلغان بۇ نامايىشقا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كانادادىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ بۇ نامايىش سېپىدىن يەر ئالدى. خىتاي كونسۇلى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ئۇيغۇر ۋەكىلى سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇ نامايىشتا تىبەتكە مۇستەقىللىق، شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق دېگەندەك شوئارلار توۋلاندى.

كانادانىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان ۋانكۇۋېر شەھىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلەشكىنىگە 15 يىل بولۇپ قالدى. خىتايلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ۋە خىتاينىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان بۇ شەھەردە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلمىغان بولۇپ، پەقەت بۇ يىل 2-ئاينىڭ 5-كۈنى بۇ شەھەردىكى ئۇيغۇرلار غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى قېتىم نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەنىدى. 10-مارت كۈنىدىكى نامايىش ۋانكۇۋېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان 2- قېتىملىق سىياسى پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كانادانىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان ۋانكۇۋېردا 150 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلىسى ياشايدۇ.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋانكۇۋېردا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچى ئۆمەرجان ئەپەندىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇ بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش سەۋەبلىرى، نامايىشتا توۋلانغان شوئارلار، بۇ قېتىمقى نامايىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئەرىشكەنلىكىنى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئۇلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقى ۋە ۋىجدانى بۇرچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.