خىتاي باش مىنىستىرى رۇسىيەدىكى زىيارىتىدە تېررۇرىزىم ۋە نېفىت مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ


2004.09.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

نېفىت مەسىلىسى بىلەن تېررۇرىزىمغا قارشى ھەمكارلىق خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ كېلەركى ھەپتە باشلىنىدىغان رۇسىيەدىكى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىبىنى ئىگىلەيدۇ.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋېن جياباۋنىڭ 23 - سېنتەبىردىن 25 - سېنتەبىرگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان رۇسىيەدىكى زىيارىتىدىن بۇرۇن، 21 ۋە 22 -سېنتەبىر كۈنلىرى قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر بىلەن سودا ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى لى خۇي جۈمە كۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئېنىرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ خىتاي - روسىيە مۇناسىۋېتىدىكى ئالاھىدە ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن.

لى خۇينىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانغا 10 يىل بولۇپ قالغان، بىراق موسكۋا مەزكۇر پىلاندىن ھازىرغىچە ئەندىشە قىلماقتا. لى خۇي، خىتاينىڭ رۇسىيە تەرەپتىن داچىڭ- ئانگارىسكىي نېفىت تۇرۇبىسى مەسىلىسىدە ھازىرغىچە ئىجابىي جاۋاپ ئالالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن . ئۇ تېرۇرىزىم ھەققىدە توختۇلۇپ، روسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەر ئىككىلىسى خەلقارا تېررۇرىزىمنىڭ قۇربانى دەپ تەكىتلىگەن. يېقىندىن بېرى خىتاي بىلەن روسىيە غەرب ئەللىرىنى تېررورىزىم مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىش بىلەن ئەيىپلىمەكتە. بىراق، خەلقارا كىشىلىك ھوقوق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېررۇرىزىمغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش، سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش بىلەن تەنقىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.