ئاتاسۇ-ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسى سودا خاراكتېرىدىكى نېفىت ئىمپورتىنى رەسمىي باشلىدى


2006.07.12

قازاقىستاندىن ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتىشىدىغان ئاتاسۇ-ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسى 11‏- ئىيول كۈنىدىن باشلاپ، سودا خاراكتېرىدىكى نېفىت ماڭغۇزۇش باسقۇچىغا رەسمىي قەدەم قويدى. بۇ خىتاي ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق بىۋاستە سودا ئىمپورت نېفىت تۇرۇبىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

قازاقىستاندىن باشلانغان 960 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ نېفىت تۇرۇبىسى ئالاتاۋ ئېغىزىدىن ئۆتۈپ قاراماينىڭ مايتاغقىچە تۇتىشىدىغان بولۇپ، تۇرۇبىدىكى نېفىتنىڭ مايتاغقا يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن 15 كۈن كېتىدىكەن. خىتاي ھازىر بۇ تۇرۇبىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا. پۈتۈن قۇرۇلۇش پۈتۈپ چىققاندا قازاقىستاندىن خىتايغا تۇتىشىدىغان بۇ تۇرۇبىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 3000 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئاتاسۇ-ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسى خىتاينى كاسپىي دېڭىزىنىڭ نېفىتىگە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى 2010 ‏-يىلىغىچە بۇ تۇرۇبىدىن يىلىغا 20 مىليون توننا نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان سەۋىيىگە يېتىشنى پىلانلىماقتا.

خىتاي بىلەن قازاقىستان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى 1997‏- يىلىدىن باشلىغان بولۇپ، ئۇلار نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشىدىن باشقا يەنە، بىر يۈرۈش تەبىئىي گاز ۋە نېفىت سودا كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى. مەزكۇر ئاتاسۇ-ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى 2005‏- يىلى نويابىردا پۈتۈپ چىققان ھەمدە بۇنىڭغا 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.