ب د ت خىتايدىن نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
2005.12.20
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنسىز ئوققا تۇتۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىم فىلىپ ئالستون سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ساقچىلارنىڭ گۇئاڭدۇڭدىكى نامايىشچى پۇقرالارنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6-دېكابىر كۈنى گۇئاڭدۇڭنىڭ شەنۋېي شەھىرى دۇڭجۇ كەنتىدە ساقچىلار نامايىشچىلارنى قوراللىق باستۇرغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەدە 3 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئەمما دۇڭجۇدىكى ئاھالىلەرنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ساقچىلار ئاز دېگەندە 20 نەچچە كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئەگەر بۇ سان ئېنىقلانسا، ئۇ ھالدا بۇ 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن بۇيانقى، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ خەلققە قاراتقان چوڭ كۆلەملىك قوراللىق ھۇجۇمى ھېسابلىنىدۇ.
ب د ت نىڭ بىر نەپەر باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىلىپ ئالستون بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش خەت يېزىپ، بۇ ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئۇلارغا خىتاينىڭ جەنۋەدىكى دېپلوماتىيە گۇرۇپپىلىرى ئارقىلىق يەتكۈزۈشنى سورىغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەلەپلەرگە قارىتا سۈكۈتتە بولدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى بىر قىسىم زوراۋان نامايىشچىلارنىڭ ھۆكۈمەتنى ھاقارەتلىشىگە چىدىمىغان ساقچىلارنىڭ ئاچچىغىدا ئۇلارغا قارىتا ئوق چىقىرىپ قويغانلىقى بىلەن چۈشەندۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى دۇڭجۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى تەشكىللىگەن دەپ ئۈچ كىشىنى قولغا ئالدى
- خىتاي مەتبۇئاتى، سىاقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلدى
- گۇاڭدوڭدا ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش
- خىتاي زىيالىيلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى
- خىتايدا ئون مىڭ كىشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى