خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمى يىغىنى يېپىلدى
2005.10.11
خىتاي كومپارتىيىسى 16 - قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - ئومۇمى يىغىنى سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا يېپىلدى. يىغىندا باي - كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ چوڭىيىشىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە كەلگۈسى بەش يىللىق پىلان ماقۇللاندى.
بۇ قېتىمقى يىغىن 4 كۈن داۋام قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يىغىننىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەر ئېلان قىلىنمىدى. يىغىندا ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. ب ب س، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي نارازىلىقلاردىن ئەنسىرەشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتايدا يېزىلاردىكى پارىخورلۇق ۋە ئادالەتسىزلىك پۇقرالارنى ئىسيان كۆتۈرۈشكە مەجبۇرلىماقتا. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتاي بويىچە 70 مىڭ قېتىم نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئاز دېگەندە 3 مىليون ئادەم ئىشتىراك قىلغان.
ئاتالمىش "دۆلەت ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 5 يىللىق پىلانى" دا، بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئورنىغا ئىجتىمائىي خىزمەتنى ياخشىلاش تەكىتلەندى.
بۇ قېتىمقى يىغىن كومپارتىيىنىڭ سابىق سېكرىتارى جاڭ زېمىن پۈتۈن ۋەزىپىلىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ يىتەكچىلىك قىلغان تۇنجى يىغىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم يىغىندا كومپارتىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا كادىرلارنى تەرتىپكە سېلىش بولمىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ خۇ جىڭتاۋنىڭ ھوقۇقى تېخى مۇستەھكەملەنمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك 5 - ئومۇمىي يىغىنى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر
- خىتاي كومپارتىيىسى 16 - قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - ئومۇمى يىغىنى ئېنېرگىيە كرىزىسى مۇزاكىرە قىلدى
- خىتاي، كەمبەغەل دۆلەتلەرگە شەرتلىك ھالدا ياردەم قىلىشنى خالايدۇ
- خۇ جىنتاۋ بىلەن بۇش نيۇ - يوركتا ئۇچرىشىدۇ
- پرېزىدېنت بۇش پات ئارىدا، خۇجىڭتاۋنى تېكساستىكى داچىسىغا تەكلىپ قىلماقچى