دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، بۈگۈن يەنى 3 - دېكابىر كۈنى نيۇيوركتا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ، " تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى " خىتايدا مىليونلىغان ئۆسمۈر -بالىلارنىڭ ئەمگەككە سېلىنىشىغا يوچۇق ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ" دەپ تەنقىدلىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى مائارىپ تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۆسمۈر - بالىلارنى ئەمگەككە سېلىشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.
خىتاينىڭ "تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش " بەلگىلىمىسى قانۇنغا خىلاپ
باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي قانۇنلىرىدا، 16 ياشقا توشمىغان پۇقرالارنىڭ ئەمگەككە سېلىنىشى چەكلەنگەن؛ خىتاينىڭ مائارىپ تۈزۈمىمۇ، 9 يىللىق ھەقسىز ۋە مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، خىتاي ئۆز قانۇنلىرىغا خىلاپ ھالدا،" تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش " بەلگىلىمىسى چىقىرىپ، ئۆسمۈر -بالىلارنىڭ ئەمگەككە سېلىنىشىغا يول ئېچىپ بەرمەكتە. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتايدا نۆۋەتتە 400 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 12 - 16 ياش ئارىسىدىكى ئوقۇغۇچىلىرى، دېھقانچىلىق ۋە قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ساھەسىدە، " يازلىق تەتىل ئەمگىكى" ، كەسپ تەجرىبىسى" قاتارلىق ناملار ئاستىدا، ئەمگەككە سېلىنماقتا. خىتايدا 2004 -يىلنىڭ ئىچىدە، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەمگىكىگە تايىنىپ قىلىنغان ئىقتىسادىي كىرىم 10 مىليون يۈەندىن ئاشقان. يەنە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىگىلىشىچە، 2006 - يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا،، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ماۋمىڭ ناھىيىسىدىكى 200 ئوقۇغۇچى، شېنجېن شەھىرىدىكى قول سانائەت مەركىزىگە ئاپىرىلىپ، كۈنلۈكى 11 سائەتتىن ئەمگەككە سېلىنغان؛ 2007 -يىلى 7 - ئايدا، گۇاڭدۇڭنىڭ پەنيۇ رايونىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ناچار مۇھىت ئاستىدا قەغەز يېشىك ياساش ئەمگىكىگە سېلىنغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پاختا تېرىش، قىزىلچا يىغىش قاتارلىق ئەمگەكلىرىگە سېلىنىشى ياش قۇرامىغا نىسبەتەن ئېغىر ئەمگەكتۇر.
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ئەمگەككە سېلىنىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر جايلار خىتايدىكى ئىقتىسادىي ئارقىدا قالغان رايونلار بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىمۇ بۇ رايونلار ئىچىدە. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسەن، پاختا تېرىش، قىزىلچا يىغىش قاتارلىق ئەمگەكلەرگە سېلىنغان بولۇپ، بۇ ئەمگەكلەر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم ئىگىلەش پۇرسىتىنى يوقىتىپلا قالماي، بالىلارنىڭ ياش قۇرامىغا نىسبەتەن ئېغىر ئەمگەكتۇر.
ھازىر شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئاقسۇدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە 5 يىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن،ئۇچقۇنجان ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ئەمگەككە سېلىنىش ئەھۋالىنىڭ خىتاي مەكتەپلەردە ئەمەس، پەقەت ئۇيغۇرچە مەكتەپلەردىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر تەشكىلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان، بالا ئەمگەكچىلەرنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ھەرىكەتلىرى قوزغىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ پەقەت دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نارازىلىقلارنى بېسىش ئۈچۈن، ئىپادىلەۋاتقان ساختا كۆرۈنۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاينىڭ ئەمگەك قانۇنىدا 16 ياشقا توشمىغانلارنىڭ ئەمگەككە سېلىنىشى چەكلىنىدۇ
خىتاينىڭ ئەمگەك قانۇنىدا ئۆسمۈر بالىلار ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن 16 ياشقا توشمىغانلارنىڭ ئەمگەككە سېلىنىشى چەكلىنىدۇ: بىراق ئۇلار ، ئالاھىدە شارائىتلار ئاستىدا، تەن-سالامەتلىكى زىيانغا يەتمىگىدەك دەرىجىدە، تەنتەربىيە، سەنئەت، پراكتىكا ساھەلىرىدە، ئەمگەككە سېلىنسا بولىدۇ. ئەمما قانداق ئەھۋاللارنىڭ ئالاھىدە ئەھۋال سانىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن؛ خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىدىمۇ، مەكتەپ بالىلىرىنى ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە سېلىشقا بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئەمما، قانداق ئەمگەكلەرنىڭ ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەر قاتارىغا كىرىدىغانلىقى كۆرسىتەلمىگەن؛ شۇڭا دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش كومىتېتى خىتاينىڭ ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر مۈجمەل ۋە ئېنىقسىز دەپ قارىغان كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنى مانا مۇشۇ خىل مۈجمەل ئىپادىلەر ئارقىلىق ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ ئەمگەككە سېلىنىشىغا يېشىل چىراق يېقىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.
خىتاي بالا ئەمگەكچىلەرگە ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملىرىنى دەرھال ئۆزگەرتىشى كېرەك
مەزكۇر تەشكىلات خىتاينىڭ بالا ئەمگەكچىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىزچىل تۈردە دۆلەت مەخپىيەتلىكى قاتارىدا سىر تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى،CCTV ئىستانسىسى، 2006 - يىلى 9 - ئايدا، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىش ئەھۋالىنى سىنئالغۇغا ئېلىپ، ئېلان قىلغاندا، خىتاي جەمئىيىتىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا بولغان؛ ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تالاش-تارتىشلارنى ئۆز سىياسىتى ئۈچۈن ئەينەك قىلىپ پايدىلىنىش ئورنىغا، مەزكۇر پروگراممىنىڭ تارقىتىلىشىنى چەكلىگەن.
خىتاينىڭ مەكتەپ بالىلىرىنى ئەمگەككە سېلىشىنى خىتاينىڭ ئۆز ئاساسىي قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ دەپ كۆرسەتكەن، كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاينى بالا ئەمگەكچىلەرگە ئالاقىدار قانۇن -تۈزۈملىرىنى دەرھال ئۆزگەرتىشكە ۋە ئۆزگەرتىلگەن شەكلىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا چاقىردى. (شۆھرەت ھوشۇر)