خىتايدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ دەرىجە تۇرغۇزۇش بىكار قىلىندى

خىتاينىڭ يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى 9‏-ئاينىڭ 1‏- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ دەرىجە تۇرغۇزۇشقا ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارغا روھى بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان بىر قاتار تۈزۈملەر بىكار قىلىنغان.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمىلىرىدە، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر خىل ناملار بىلەن نۇقتىلىق مەكتەپ ۋە نۇقتىلىق سىنىپلارنى قۇرۇشقا يول قويماسلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلماسلىق، كىچىك ئىمتىھانلارنىڭ سانىنى ئازايتىش ھەمدە سىنىپلاردا نەتىجىگە قاراپ دەرىجە تۇرغۇزۇشنى بىكار قىلىش قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.

بۇرۇندىن مەكتەپلەردە يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى دەرىجىگە تۇرغۇزۇشقا ئوخشاش بۇ ئۇسۇللار، گەرچە بىر قىسىم دەرستە ياخشى بالىلارنى رىغبەتلەندۈرسىمۇ، ئەمما بۇ ئۆگىنىشتە بىر ئاز يېتىشەلمەيۋاتقان بالىلار ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىگە چوڭ توسالغۇ بولغان ئىدى.

بۇ يېڭى بەلگىلىمىدە يەنە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ دەرستە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يېڭى قارارى نۇرغۇن مائارىپچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. (پەرىدە)