ئىسرائىلىيە لىۋانغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم باشلىدى

0:00 / 0:00

ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قاراتقان بومباردىمان قىلىشنى 48 سائەت توختاتقاندىن كېيىن مۆھلەتنىڭ توشقانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە لىۋانغا قاراتقان كەڭ كۆلەمدە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىش ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىدى.

رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسرائىلىيە مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئون مىڭ كىشىلىك ئىسرائىلىيە قوشۇنى لىۋاننىڭ ئىچكىرى قىسىملىرىغىچە ئىلگىرىلەپ كىرگەن بولۇپ، بىر قىسىم ئىسرائىلىيە پاراشوتچى ئەسكەرلىرى لىۋاننىڭ سۈرىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايىدىكى بالبېك دېگەن يەرگە جايلاشقان ھىزبۇللا جەڭچىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ دەپ قارالغان ھەم ئىراننىڭ مەبلىغى بىلەن ياسالغان " دار ئال ھەكىم" دوختۇرخانىسى ئەتراپىدا ھىزبۇللا قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئۇيۇشتۇرغان . ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى ھەمدە ئىككى نەپەر ھىزبۇللا جەڭچىسىنى ئەسىرگە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 11 دىن 19 نەپەرگىچە تىنچ پۇقرا ئۆلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم يېتىم كۆرۈلمىگەن.

لىۋان خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى مەزكۇر دوختۇرخانىدىكى ھىزبۇللا تەشكىلاتىنىڭ 12 مۇھىم رەھبىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان مۇھەممەد يازبېكنى تۇتۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھۇجۇمدىن بۇرۇن دوختۇرخانىدىن كەتكەن بولغاچقا ئىسرائىلىيىلىكلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى بەزى نۇقتىلارغا قاراتقان بومباردىمانلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەن بولۇپ، بىر قىسىم كۆۋرۈك ھەم بىنالارنى ۋەيران قىلىۋەتكەن.

ھىزبۇللا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتمەكتە

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى چارشەنبە كۈنى بالبېك رايونىدا ھىزبۇللا جەڭچىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كەسكىن جەڭلەر داۋاملاشقان. ئىسرائىلىيە تەرەپ بالبېك رايونىنى ھىزبۇللا قوشۇنلىرىنى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن قوغلاپ چىقىرىشتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نۇقتىسى دەپ ھېسابلىغان بولۇپ، ھىزبۇللامۇ بۇ جايدا ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، 20 كۈنلۈك ئۇرۇش جەريانىدا 828 ئادەم ئۆلگەن ۋە 3200 ئادەم يارىلانغان. ھىزبۇللا تەرەپ ئۇرۇش جەريانىدا ئۆزلىرىدىن 49 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇ ساننى بىر قانچە ھەسسە ئارتۇق كۆرسەتمەكتە.

سەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى ئىقلىم ئات تۇفاخ دەپ ئاتالغان جايدىكى لىۋان ئارمىيىسىنى بومباردىمان قىلغان بولۇپ، ئۈچ نەپەر لىۋان ئەسكىرى ئۆلگەن. ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بومباردىمانلىرى تۈپەيلىدىن ۋەيران قىلىنغان شەھەرلەر كۆپىيىشكە باشلىغان.

ھىزبۇللا ئىككى كۈنلۈك جەڭدە 39 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان شۇنىڭدەك 2-ئاۋغۇست كۈنى ھىزبۇللا ئىسرائىلىيە تەرەپكە 150 پاي راكېتا ئاتقان . بەزى مەلۇماتلاردا ئېتىلغان راكېتالارنىڭ 300 پايدىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كۆرسىتىش قىيىن بولماقتا

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كۆرسىتىش ناھايىتى قىيىن بولماقتا، بۇ ھەقتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نەشىرىيات، ئۇچۇر ئىشلىرىغا مەسۇل ئەمەلدارى ئەخمەد فايزى مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ب د ت نىڭ ھەممە ئاگېنتلىقلىرى لىۋان ۋە غەززە رايونىدىكى ئاھالىلارغا ياردەم كۆرسىتىش ئىشلىرىغا كىرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى جايلارنى بومباردىمان قىلىشى جەريانىدا نۇرغۇن كۆۋرۈك ۋە يوللارنى بۇزۇۋەتكەنلىكى ھەمدە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ يول قويماسلىقى بىلەن ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ لىۋان خەلقىغە يەتكۈزۈلۈشى قىيىن ئەھۋالغا قالغان. سەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى قاچىلىغان ماشىنىلىرىنىڭ لىۋان تەرەپكە ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان بولۇپ، بۇ قىلمىش ب د ت ئورگانلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

خەلقئارا جەمىيەت ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلماقتا

رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئورمۇت ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ب د ت تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى بۇ رايونغا ئورۇنلاشقىچە ھىزبۇللا كۈچلىرىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى، پەقەت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى بۇ يەرگە ئورۇنلاشقاندىلا ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئىنكاس قايتۇرۇپ، فرانسىيىنىڭ ب د ت باش سېكرىتارى كوفى ئاننان پەيشەنبە كۈنى ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان لىۋانغا تىنچلىق ساقلاش قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىشنى تەشكىللەش يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ھازىرچە تىنچلىق ساقلاش قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىشنىڭ بالدۇر ئىكەنلىكىنى، بۇنداق قوشۇننى ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى ھىزبۇللا بىلەن ئىسرائىلىيە ئالدى بىلەن ئۇرۇش توختىشى لازىملىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتە سىياسىي قارار ئېلىپ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىش زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئىران دىنىي رەھبىرى خامېينى چارشەنبە كۈنى نۇتۇق سۆزلەپ، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىگە قارشى كۈرەش قىلىشتا لىۋان تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندا لىزا رايىس بۇ ھەپتىدە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشنى توختىتىش مۇمكىنلىكىنى ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى تولۇق توختىتىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرگەن. ئۇ، بۇ ھەپتىدە ئامېرىكىنىڭ لىۋان ھەققىدىكى يېڭى قارارىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن قاراپ چىقىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئامېرىكىنىڭ قارىشىچە، ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا لىۋانغا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى ئەۋەتىش كېرەك ئىكەن. لىۋان رەھبەرلىرى بولسا، ئىسرائىلىيىنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەپ، ئىسرائىلىيىنىڭ ئۇرۇش توختاتمىغىچە، لىۋاننىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان ھەر قانداق خەلقئارالىق پائالىيەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئەگەر ئىسرائىلىيە كەڭ كۆلەمدە لىۋانغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسە،لىۋان ئارمىيىسىنىڭمۇ بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

نۆۋەتتە، لىۋان-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، بۇ ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت نىڭ يىغىنى ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا. (ئۈمىدۋار)