ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەلىرىدە ئاز دېگەندە 5 ئادەم ئۆلدى


2006.12.29

ئىچكى موڭغولنىڭ ئۇلانچاب شەھىرى جىنىڭ رايونىدىكى ئالاھىلەر رايۇنىدا پەيشەنبە كۈنى - ئارقىدىن پارتلاش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 5 ئادەم ئۆلگەن، 9 ئادەم يارىلانغان. شۇ جايدىكى ساقچىلار جۈمە كۈنى پارتلاش ۋەقەلىرى بىر قانۇنسىز تەشكىلات تەرىپىدىن ئېلان بېرىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ئەسكەرتىشىچە، پارتلاش ۋەقەلىرىنىڭ مەركىزى جىنىڭ رايونىدىكى بىر ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيدە مەيدانغا كەلگەن. ئۆي ئىجارىگە ئالغان كىراكەش سەنشىنىڭ لىنفېن، دېگەن جايىدىن كەلگەن ئەر كىشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ئىككىسى قانۇنسىز پارتلاتقۇچ كاپسۇلى ياسايدىغان ياللانما ئىشچىلار بولۇپ، قالغان 3 كىشى ئۇلارنىڭ خوشنىلىرى ئىكەن. ساقچىلار ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار نەق مەيدان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن 300 كىلوگرام پارتلاتقۇچ دورا، زور مىقتاردا كاپسۇل ۋە پارتلاتقۇچ بومبا ياسايدىغان بۇيۇملارنى بايقىغان. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى پارتلاش ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلغان قانۇنسىز تەشكىلاتنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتى نىمە ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختالمىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.