ھامىلدارلارنى بالا ئالدۇرۇشقا مەجبۇرلىغان ئەمەلدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدىكەن
2005.09.20
خىتاي دائىرىلىرى ھامىلدار ئاياللارنى بالا ئالدۇرۇشقا مەجبۇرلاش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سەندوڭنىڭ لىنيىي شەھىرىدە بەزى ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دۆلەتلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، سەيشەنبە كۈنى سەندوڭدا لىنيى شەھىرىدىكى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى خادىملىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيدىغان ئەرز- شىكايەتلەر تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى يۈ شيېجۈننىڭ ئەسكەرتىشىچە، دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا لىنيىي شەھىرىدىكى پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى راست دەخلى- تەرۈزگە ئۇچرىغان. ئەمما ئۇ، بۇ ۋەقەگە قانچىلىك ئەمەلدارنىڭ چېتىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.
خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېيچىن يېقىندا تۇغۇتنى كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇيغۇرلار پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ يىل 2 - ئايدا خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە يەرلىك دائىرىلەر بىر ئۇيغۇر دېھقان ياشنى ئايالىنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇرلانغانلىقتىن يېزا پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ سېكرىتارى مەتسەلىمخان، ياش دېھقان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. دائىرىلەر بۇ دېھقان ياش بىلەن ئۇنىڭ ھەمراسىنى 4 - ئايدا ئېتىۋەتتى. ئىلگىرى بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر تۇرپاندا يۈز بەرگەن ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ تۇغۇتنى كونترول قىلىش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىكەن
- ئامېرىكا، ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتىگە ياردەم بېرىشنى توختاتتى
- ب د ت دوكلاتىدا خىتايدا بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئاشكارىلىدى
- ئامېرىكا ب د ت دىن خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت پروگراممىسىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىدا يېتىۋاتقان شاڭخەيلىك ئايالنىڭ تىنچلىقنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن بۇ جازاغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى