خىتايدا پۇلدارلار بىلەن ھوقۇقدارلارنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدىكى پۇلدارلار بىلەن ھوقۇقدارلارنىڭ خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئوچۇق - ئاشكارا قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خۇبېيدا چىقىدىغان مەتبۇئاتلاردا نۇرغۇنلىغان ئەمەلدارلار بىلەن بايلارنىڭ بىردىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىر مىليونېر تىجارەتچىگە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سەۋەبىدىن 770 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغانلىقى، بىراق ئۇنىڭ پەقەت 100 يۈەن تاپشۇرۇپ، قالغان پۇلنى تاپشۇرماي قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئەڭ ئېغىر ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ، مەتبۇئاتلارغا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا دەل يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەھۋاللار ھەققىدە سېلىشتۇرما ئېلىپ بارغان بولۇپ، دىلشات رېشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرى كىرىملىق خىتايلار پۇل خەجلەپ پەرزەنت سېتىۋالىدىكەن ، ئەمما خىتاي ئۆزى ئېتىراپ قىلىپ " ئاز سانلىق مىللەت " دەپ نام بەرگەن ئۇيغۇرلار بولۇپمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئەمەس ، بەلكى ئۆز ھاياتىنىمۇ ساقلاپ قالالمايدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي پىلانلىق تۇغۇت ئوپىراتسىيىسى، مىڭلىغان دېھقان ئاياللىرىنىڭ ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكلىرىگە دۇچار بولۇشىغا ، داۋالىنىش قۇربى يەتمەي ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىشىگە يول ئاچماقتا. (ئەقىدە)