خىتايدا پۇلدارلار بىلەن ھوقۇقدارلارنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدىكى پۇلدارلار بىلەن ھوقۇقدارلارنىڭ خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئوچۇق - ئاشكارا قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خۇبېيدا چىقىدىغان مەتبۇئاتلاردا نۇرغۇنلىغان ئەمەلدارلار بىلەن بايلارنىڭ بىردىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىر مىليونېر تىجارەتچىگە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سەۋەبىدىن 770 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغانلىقى، بىراق ئۇنىڭ پەقەت 100 يۈەن تاپشۇرۇپ، قالغان پۇلنى تاپشۇرماي قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئەڭ ئېغىر ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ، مەتبۇئاتلارغا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا دەل يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەھۋاللار ھەققىدە سېلىشتۇرما ئېلىپ بارغان بولۇپ، دىلشات رېشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرى كىرىملىق خىتايلار پۇل خەجلەپ پەرزەنت سېتىۋالىدىكەن ، ئەمما خىتاي ئۆزى ئېتىراپ قىلىپ " ئاز سانلىق مىللەت " دەپ نام بەرگەن ئۇيغۇرلار بولۇپمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئەمەس ، بەلكى ئۆز ھاياتىنىمۇ ساقلاپ قالالمايدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي پىلانلىق تۇغۇت ئوپىراتسىيىسى، مىڭلىغان دېھقان ئاياللىرىنىڭ ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكلىرىگە دۇچار بولۇشىغا ، داۋالىنىش قۇربى يەتمەي ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىشىگە يول ئاچماقتا. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ھەق تەلەپلەرنى ھەل قىلىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال
- خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىكى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يەنىمۇ كېڭەيتمەكتە
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىل كۈچەيتمەكتە
- بېيجىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ئۈچۈن زور مىقداردا ئىقتىساد ئاجراتتى
- ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ ھەربىي مانېۋىرىنى ئەيىبلىدى
- خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قوپال شوئارلارنى چەكلىدى
- خۇنەن پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن 8 ھەسسە ئۆرلىتىپ جەرىمانە ئالماقچى
- گۇاڭشىدا پىلانلىق تۇغۇت توقۇنۇشى پەيدا قىلغان ئەمەلدارلارنى سوتلاش ئۈچۈن ئادۋوكاتلار ھەقسىز مۇلازىمەتكە تەييار
- ئولىمپىك مۇراسىمى يېقىنلاپ كەلمەكتە، خىتايدا ناميىش - قوزغىلاڭ قىستاپ كەلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش ئۈچۈن 27 مىليون يۇەن پۇل ئاجراتقان