خىتاي دائىرىلىرى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىل كۈچەيتمەكتە


2007.11.15

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، مەزكۈر خىزمەتنى ھەر بىر ناھىيە بۇيىچە چىڭ تۇتۇش، خىزمەتلەردىكى قېيىن نۇقتىلارنى تەتقىق قىلىپ مەسىلىنى تېز ھەل قىلىش چارىلىرىنى يولغا قويماقتا.

خىتاي خەۋەر ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈن بەرگەن مەلۇماتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، پەقەت بىر خوتەن ناھىيىسىدىلا يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، پىلانلىق تۇغۇتقا سېلىنغان سېلىنما 13 مىليون 40 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ناھىيە بۇيىچە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان دېھقان ‏- چاۋىچىلارغا تارقاتقان مۇكاپات، تولۇقلىما مەبلەغ، ماددىي ئەشيالارنىڭ قىممىتى 3 مىليون 245 مىڭ يۈەنگە، ناھىيە بۇيىچە پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئالغان دېھقان - چارۋىچىلار سانى 2 مىڭ 164 ئائىلىگە، دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە ناھىيىنىڭ 2 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر 1 مىڭ 328 گە، ئاڭلىق ھالدا تۇغۇت چەكلەش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغانلار سانى 5 مىڭ 325 گە يەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتاپ تۇرۇپ، ئۇلار ئۈستىدىن مەجبۇرىي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزىشىنىڭ ئۆزى خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن ئەمەس دەپ بىلدۈرۈۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى"ھەر خىل ھىلە ‏- مىكىرلىك چارىلەرنى ئىشقا سېلىش، مەسىلەن، ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلاش تۈزۈمى ئارقىلىق خەلقنى ئالداش، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىكى يەنە بىر خىل مەجبۇرلاش چارىسى" دېيىشمەكتە.

خىتاي، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇرلارنى ئاز تۇغۇپ بېيىشقا يۈزلىنىشكە چاقىرماقتا، بىراق ئاز پەرزەنت كۆرگەن بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسى، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى نامرات ئائىلە دەپ قارالغان ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىدىن نەچچە ھەسسە تۆۋەن سەۋىيىدە ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.