خۇنەن پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن 8 ھەسسە ئۆرلىتىپ جەرىمانە ئالماقچى


2007.07.25

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇنەن ئۆلكىسى پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن 8 ھەسسە ئۆرلىتىپ جەرىمانە ئېلىشنى پىلانلاۋاتقان ئىكەن.

25 - ئىيۇل كۈنى، رويتېرس ئاگېنتلىقى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ كۆرسىتىشىچە، خۇنەندە ئالدىنقى ئايدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە مۇھىم ئەربابلاردىن بولۇپ ئىككى مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كىيىن، ھازىر خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئېغىرلىتىپ جەرىمانە قويۇش ئۈستىدە ماقۇللانغان قانۇن لايىھىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قانۇنسىز بالا ئالغانلارغا يەنە ئالدىنقى يىلىدىكى ئومۇمىي كىرىمنىڭ ئالتە ياكى سەككىز ھەسسىگىچە توغرا كەلتۈرۈپ جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خۇنەن ئۆلكىسى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىكى بىر ئەمەلدار شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا: " ئىقتىسادى كىرىمى ياخشى ئائىلىلەر ئۈچۈن جەرىمانە بەك ئاز بولۇپ قالدىمىكىن، شۇڭا بىز ئىجتىمائىي ئادالەتنى قوغداش ئۈچۈن جەرىمانە سوممىسىنى ئاشۇردۇق" دەيدۇ.

خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، خۇنەن ئۆلكىسىدە 2000- يىلىدىن 2005- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 1980 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ۋە باشقىلار پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 21 نەپەر دۆلەتلىك ۋە ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، 24 نەپەر سىياسىي مەسلىھەتچىلەر ۋە 112 نەپەر كارخانىچىلار بار.

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن خىتاي دۆلەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى بولۇپ 4 بالىسى ۋە تۆت ئاشنىسى بار ئىكەن. بۇنداق ھەرىكەتلەر جېجياڭ ۋە خۇنەن ئۆلكىلىرىدىمۇ باشلانغان. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.