ئۇكرائىنىيەدە 90 نەپەر خىتاي پۇقراسى قولغا ئېلىندى


2005.07.31

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا ئۇكرائىنىيە چېگرا ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە شەنبە كۈنى 90 نەپەر قانۇنسىز خىتاي كۆچمىنى ئۇكرائىنىيىنىڭ شىمالىدىكى پولشا بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىككى دانە چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرغان بۇ خىتاي قاچقۇنلىرى ئۇكرائىنىيە چېگرىسى ئارقىلىق پولشا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن غەربىي ياۋروپا ئەللىرىگە قېچىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي قاچقۇنلىرى ئالدى بىلەن رۇسىيىگە كېلىپ، كېيىن ئادەم سودىگەرلىرى ئارقىلىق غەربىي ياۋروپاغا ئوغىرلىقچە ئۆتكۈزىلىدىكەن. ئۇكرائىنىيە خىتاي قاچاقلىرىنىڭ غەربىي ياۋروپاغا ئۆتۈشىدىكى مۇھىم ئۆتكەل بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايلارنىڭ ئۇكرائىنىيەگە كۆپلەپ كېلىپ، قانۇنسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشى ھەمدە ئۇ جايلاردا ناچار ئىشلارنى قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇكرائىنلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى بۇلاش، ئۇلارنى ئۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.