تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاينىڭ بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى


2004.12.20

تەيۋەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لايىھىسى" نى يولغا قويماقچى بولىۋاتقانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ،" خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى تەيۋەنگە ھوجۇم قىلىش ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس سېلىشقا ئۇرۇنغانلىق " دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمى كومىتىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بۆلۈنۈشكە قارشى يېڭى بىر قانۇن لايىھىسىنى بىكىتىپ، ئۇنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئېچىلىدىغان يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلغان ئىدى.

مەزكۈر خەۋەر تارقالغاندىن كىيىن، تەيۋەندە زور غۇلغۇلا قوزغىغان. تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۈشىيۇلىيەن" خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ بۇنداق بىر قانۇننى تىكلىشى، ئۇلارنىڭ بارلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ، تەيۋەننى بېسىۋېلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى" دەپ كۆرسەتتى. ھەمدە خىتاينىڭ ھەر قانداق ۋاستە قوللىنىپمۇ، تەيۋەننىڭ ئىشلىرىغا قول تىقالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تەيۋەننىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقى ئىشلىرى كومىتىتىنىڭ رەئىسى ۋۇ جاۋشى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇننى تىكلىمەكچى بولغانلىقى، بىر تەرەپلىمە ھالدا تەيۋەن بوغىزىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىق، تەيۋەنگە رىقابەت ئېلان قىلغانلىق" دەپ بىلدۈردى. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايۇنىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زور خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

تەيۋەندىكى نۇرغۇن سىياسىيونلار بولسا، تەيۋەننىڭ ئاساسىي قانۇنغا تېزرەك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، ئومومىي خەلق رايىنى ئاۋازغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا خىتاينىڭ " بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇنى"غا تاقابىل تۇرىدىغان قانۇن تۈزۈپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلماقتا. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.