خىتايدا ئەللىك يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قار ئاپىتى يۈز بېرىپ قاتناش پالەچ بولدى
2008.01.30
خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئەللىك يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قار ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتايدىكى مۇھىم قاتناش ۋاستىلىرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ قاتناش لىنىيىسى بولغان بېيجىڭ -گۇاڭجۇ تۆمۈر يولى پالەچ بولۇپ، گۇاڭجۇدا پويىز كۈتۈپ 10 كۈن ساقلىغان ۋە بىلەت ئالالمايۋاتقان يولۇچىلار سانى 800 مىڭغا يەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا تولىمۇ كېچىككەن ھالدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، قاتناش تۈگۈنلىرىدىكى توك يوللىرىنى رېمونت قىلىش ۋە يولۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 500 مىڭ ئەسكەر ئاجراتقان. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ھۆكۈمەتنىڭ جىدىي تەدبىر قوللىنالمىغانلىقى ئۈچۈن ئوچۇق ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقتىن ئەپۇ سورىشى بولسا كېرەك.
خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم سانى 292 مىڭ 900 گە يەتكەن. 607 ئۆي ئۆرۈلگەن، 888 ئۆي زەخمىلەنگەن. 44550 تۇياق چارۋا ئۆلگەن. ئومۇمى ئىقتىسادىي زىيان 87 مىليون 414 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. ئىلى، بۆرتالا، ئالتاي رايونلىرىدا دەريالارغا مۇز ئارىلاش كەلكۈن كەلگەن. بۇ رايونلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە تېخىچە تولۇق مەلۇمات يوق.
خەۋەر ئېيتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قار ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 113 توننا ئاشلىق، 105 توننا يېقىلغۇ كۆمۈر ۋە باشقا يوتقان -كۆرپە قاتارلىق نەرسىلەرنى تەييارلىغانلىقىنى جاكارلىغان. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا قار ئاپتى
- بېيجىڭنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجىسى گۇمان پەيدا قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ۋەقەسىنى تەبىئىي ئاپەت دەپ كۆرسىتىشى نارازىلىق قوزغىدى
- شەندوڭدىكى ئىككى چوڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەسىدە ئېغىر ئۆلۈم يېتىم كۆرۈلدى
- خىتايدا تەبىئىي ئاپەتلەر دانلىق زىرائەت مەھسۇلاتىغا زىيان سالدى
- جېجاڭدا ئىككى قەۋەتلىك بىر بىناغا ئوت كېتىپ 17 ئادەم ئۆلدى
- جۇڭگو دائىرىلىرى تەيپىڭ ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى يوشۇرغانلىقىنى رەت قىلدى
- بۇ يىل ئىچىدە خىتاي بويىچە 1247 ئادەم كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلدى
- لوڭۋاڭ دېڭىز چاپقۇنىدا ئاز دېگەندە 50 ئادەم ئۆلدى
- خىتايدا تەبىئىي ئاپەتلەردىكى ئۆلۈم - يېتىم ۋەقەلىرى بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئەمەس









