خىتاي - قازاقىستان ئارىسىدا 2 - نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش كېلىشىمى ئىمزالاندى
2006.12.22
خىتاي - قازاقىستان ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسى 2005 - يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، خىتاي بىلەن قازاقىستان مەزكۇر نېفىت تۇرۇبىسىغا يانداش ھالدا 2 - بىر تۇرۇبا لىنىيىسى ياساش كېلىشىمى ئىمزالىدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېف، ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ 2 - نېفىت تۇرۇبىسىنى قۇرۇش توغرىسىدا رەسمىي كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، بۇ قۇرۇلۇش "كاسپىي دېڭىز ساھىلىنى خىتاينىڭ غەربىي - شىمالىغا تۇتاشتۇرىدىغان " لىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە مۇخبىرلارغا بۇ سەپىرىدە خىتايلار بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
نەزەربايېفنىڭ بەش كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى 19 - دېكابىر كۈنى باشلانغان بولۇپ، ئۇ زىيارىتىنىڭ 2 - كۈنى خىتاي تەرەپ بىلەن سودا - ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، مائارىپ، تۆمۈر يول، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان 11 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى. خىتاي - قازاقىستان ئارىسىدا 2 - نېفىت تۇرۇبىسىنى ياتقۇزۇش كېلىشىمى خىتاي نېفىت - تەبئىي گاز گۇرۇھى بىلەن قازاقىستان نېفىت - تەبئىي گاز ھەسسىدارلىق شىركىتى ئارىسىدا ئىمزالاندى. بۇنىڭدىن سىرت خىتاي تەرەپ قازاقىستان ياۋرو-ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن قازاقىستاندا كوڭزى ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان.
لېكىن قازاقىستاندا خىتاينىڭ رايوندىكى نىيىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان بەزى سىياسىي ئەرباپلار، قازاقىستاننى نېفىتىنىڭ پۈتۈنلەي خىتايغا باغلىنىپ قېلىشىدىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرماقتا. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى
- نازاربايىف قازاقىستان - خىتاي ھەمكارلىقى ھەققىدە توختالدى
- خۇ جىنتاۋ 20 - دېكابىر كۈنى نۇرسۇلتان نەزەربايېف بىلەن كۆرۈشكەن
- نۇرسۇلتان نازاربايىف خىتاي بىلەن ئېنېرگىيە ۋە سىياسىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەشەببۈس قىلدى
- رۇسىيە كېلەر يىلدىن باشلاپ ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا يولىدىن خىتايغا نېفىت ماڭدۇقماقچى