خىتاي - قازاقىستان ئارىسىدا 2 ‏- نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش كېلىشىمى ئىمزالاندى

خىتاي ‏- قازاقىستان ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسى 2005 - يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، خىتاي بىلەن قازاقىستان مەزكۇر نېفىت تۇرۇبىسىغا يانداش ھالدا 2 ‏- بىر تۇرۇبا لىنىيىسى ياساش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېف، ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ 2 ‏- نېفىت تۇرۇبىسىنى قۇرۇش توغرىسىدا رەسمىي كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، بۇ قۇرۇلۇش "كاسپىي دېڭىز ساھىلىنى خىتاينىڭ غەربىي - شىمالىغا تۇتاشتۇرىدىغان " لىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە مۇخبىرلارغا بۇ سەپىرىدە خىتايلار بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

نەزەربايېفنىڭ بەش كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى 19 - دېكابىر كۈنى باشلانغان بولۇپ، ئۇ زىيارىتىنىڭ 2 ‏- كۈنى خىتاي تەرەپ بىلەن سودا - ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، مائارىپ، تۆمۈر يول، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان 11 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى. خىتاي - قازاقىستان ئارىسىدا 2 ‏- نېفىت تۇرۇبىسىنى ياتقۇزۇش كېلىشىمى خىتاي نېفىت - تەبئىي گاز گۇرۇھى بىلەن قازاقىستان نېفىت - تەبئىي گاز ھەسسىدارلىق شىركىتى ئارىسىدا ئىمزالاندى. بۇنىڭدىن سىرت خىتاي تەرەپ قازاقىستان ياۋرو-ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن قازاقىستاندا كوڭزى ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

لېكىن قازاقىستاندا خىتاينىڭ رايوندىكى نىيىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان بەزى سىياسىي ئەرباپلار، قازاقىستاننى نېفىتىنىڭ پۈتۈنلەي خىتايغا باغلىنىپ قېلىشىدىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرماقتا. (ئەركىن)