خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قۇرغاقچىلىق ئاپتى ئۇيغۇر ئېلىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن

يېڭى زېلاندىيە خەۋەرلىرى ۋە مۇھىم خەۋەرلەر تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدا يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق ئاپتى 1.5 مىليون ئادەمگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەن.

بۇنىڭ بىلەن، ئاپەت رايونىدىكى نەچچە مىڭلىغان خىتاي دېھقان ئۇيغۇر ئېلىگە ئېقىپ كىرىپ تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇرلانغان. خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بۇنداق زور تۈركۈملەپ ئېقىپ كىرىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

دۇنيادىكى 3-ئۇزۇن دەريا بولۇپ ھېسابلىنىدىغان چاڭجاڭ دەرياسى غەربتە چىڭخەيگىچە سوزۇلغان بولۇپ، 186 شەھەر رايوننى كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ دەريادا قاتنايدىغان 10 دىن ئارتۇق يۈك پاراخوتى سۇ يۈزىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبلىك دەريا قىرغاقلىرىدا توختاپ قالغان. 30 مىليون نوپۇسقا ئىگە چۇڭچىڭنىڭ بەزى رايونلىرىدا ئىچىملىك سۇ تەمىناتىغا چەك قويۇلغان.

ئۆتكەن يىلى يازدىمۇ خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبى ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان بولۇپ، 18 مىليون ئادەم ئىچىملىك سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل كۈزدە يۇقىرىقى ئاپەت رايونلىرىدىن يەنە نەچچە ئونمىڭلىغان خىتاي دېھقان ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىشقا كېلىدىكەن. (جۈمە)