چىڭخەيدە قۇش زۇكام ۋىروسىدا ئۆلگەن قۇشلارنىڭ سانى ئەسلىدىكىدىن كۆپ بولۇپ چىقتى


2005.05.27

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار، چىڭخەيدە H5N1 تىپلىق زۇكام ۋىروسىدىن ئۆلگەن قۇشلارنىڭ سانىنىڭ مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ھايۋاناتلار ئىدارىسىدىكى جيا يولىڭنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، چىڭخەيدە زۇكام ۋىروسىدىن ئۆلگەن قۇشلارنىڭ سانى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا ئېلان ساندىن بەش ھەسسە كۆپ ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 150 ئۇچار قۇشنىڭ مەزكۇر ۋىروستىن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋۇكام ۋىروسىدىن ئۆلگەن قۇشلارنىڭ قاقىر، ياۋا ئۆردەك تىپىدىكى قۇشلار شۇنداقلا سۇ قۇشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

زۇكلام ۋىروسى تارقىغان جاينىڭ غەربى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. بۇ ئارىدا خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلاردا تارقالغان ئېغىز - تۇياق ياللۇغىنى يوشۇرغانلىقىنى رەت قىلغان. ئېغىز - تۇياق ياللۇغى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى قاتارلىق جايلىرىدا كۆرۈلگەن ئىدى.

خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئىنسانلارنىڭ قۇش زۇكام ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ھازىرغا قەدەر بايقىمىغان. H5N1 تىپلىق قۇش زۇكام ۋىروسى بۇنىڭدىن 8 يىل ئىلگىرى بايقالغان بولۇپ، تايلاند، كامبودژا، ۋېيتناملاردا 50 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.