دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى قۇش زۇكام ۋىرۇسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى


2005-06-10
Share

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، قۇش زۇكام ۋىرۇسىغا جىددى مۇئامىلە قىلمىسا يەر شارى خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىپ، ئالدىن بايقىۋالغىلى بولمايدىغان ئاپەت خاراكتېرلىك خەۋپكە ئايلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارى شىگېرۇ ئومى، جۈمە كۈنى بېيجىڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چۆچەك ۋىلايىتىدىكى بىر غاز پېرمىسىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن تەكىتلىگەن. بۇ ھ5ن1 تىپلىق قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ بىر ئاي ئىچىدە 2 - قېتىم خىتايدا بايقىلىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. مەزكۇر ۋىرۇس چۆچەك شەھىرىنىڭ 30 كىلومېتىر نېرىسىدىكى بىر غاز پېرمىسىدا بايقالغان. دائىرىلەر، چۆچەك شەھىرىدىكى ئۆي ھايۋانلىرى بازىرىنى تاقاپ، غاز پېرمىسىدىكى 17000 غاز ۋە توخۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە مەجبۇر بولغان.

شىگېرۇ ئومى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، " بۇ ئەھۋاللار ۋىرۇسنىڭ تۇراقسىز، ئالدىن بايقىۋالغىلى بولمايدىغان شۇنداقلا كۆپ خىلىققا ئىگىلىقىنى كۆرسەتمەكتە،" دەپ ئەسكەرتتى. شىگېرۇ ئومىنىڭ تەكىتلىشىچە، قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ۋە تۇيۇقسىز مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى مەۋجۇتكەن.

قۇش زۇكام ۋىرۇسى بۇنىڭدىن 8 يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە ئىچكىرى رايونلىرىدا بايقالغان. ۋېيتنام ، تايلاند ۋە كامبودΨئالاردا 53 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ چۆچەكتىكى بىر غاز پېرمىسىدا بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قۇش ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا تەپسىلى دوكلات بىلەن تەمىنلىشىنى كۈتمەكتىكەن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت