گۇاڭجۇدا تارقالغان قۇش زۇكىمى خىتاينى چۆچۈتمەكتە
2008.03.17
خوڭكوڭ سەھىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى ھازىر خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە قۇش زۇكىمىنىڭ بازاردىكى ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خوڭكوڭ سەھىيە ئىدارىسى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا گۇاڭجۇ شەھىرىدە ئۆلگەن قۇشلاردا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغان بولۇپ، بۇ خىتايدا بۇ يىل 5 - قېتىم بۇ خىلدىكى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى تارقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھەپتە گۇاڭجۇ شەھىرىدە كۆرۈلگەن قوش زۇكىمى تارقىلىش ھادىسىسىدە 114 دانە قۇش ئۆلگەن بولۇپ، نەتىجىدە خادىملار يۇقۇملانغان 518 دانە قۇشنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر زۇكام 2003 - يىلى ئاسىيا قۇش بازىرىدا بايقالغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر 20 ئادەم بۇ ۋىرۇستا يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن بولۇپ، ھازىرچە خىتايدا قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەن ئادەم سانى ئۈچكە يېتىدۇ.
ئىككى ئۆسمۈرنىڭ يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، خوڭكوڭ سەھىيە ئىدارىسى باشلىقى جۇ يىيۆ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ خوڭكوڭدا بارلىق يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىككى ھەپتە تاقىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي يېمەكلىرى خەتەرلىك
- تۇرپاندىكى قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشى تىزگىنلەندى
- خىتاي جياڭسۇدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا يۇقۇملىنىش ۋەقەسىنىڭ ئادەمدىن - ئادەمگە يۇققانلىقىنى ئىقرار قىلدى
- تۇرپاندا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالدى
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى قۇش زۇكىمىدىن سەگەك بولۇشقا چاقىردى
- قۇش زۇكامى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى
- خىتايدا 50 مىليون ئادەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىدە ياشاۋاتىدۇ
- خىتايدا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 700 مىڭغا يەتتى
- 'خىتايچە زامانىۋىي كېسەللىك' كە گىرىپتار بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى 16 مىليونغا يەتتى
- دۇنيا بۇيىچە ئەيدىز يۇقۇملىرى سانى تۆۋەنلىدى
- خىتايدا قۇش زۇكىمى ئۆردەكلەردە بايقالدى
- خىتايدا ئەيدىزنىڭ كۆپىيىشىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى سەۋەب ئېلان قىلىندى