زور داغ - دۇغا ۋە ئۈمىد بىلەن باشلانغان سەنشيا قۇرۇلۇشى تېخى تولۇق تاماملانماي تۇرۇپلا، خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا. خىتاي مەركىزى مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى يەر ۋە سۇ بايلىقلىرىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇھىت ئاسراش ساھەسى بۇيىچە مۇتەخەسسىس، سۇڭ لىدا، سەنشيا قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن كېيىن، توپلانغان سۇ مىقدارىنىڭ ئېشىشى بىلەن ياڭزى دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىدا، سەنشيا سۇ ئامبىرىنىڭ قىرغاقلىرىدا ھەم دەريا ساھىلىدا تۇپراق قىيىش ھادىسىسى يۈز بېرىش خەۋپىنى تۇغدۇرغانلىقىنى، ئەگەر جىددىي تەدبىر قوللىنىلمىسا، قىرغاق بۇزۇلۇشنىڭ ئارقىدىن يەنە بىرمۇنچىلىغان زەنجىرسىمان بۇزۇلۇش پەيدا بولۇپ، خىتاي پۇقرالارنىڭ ھاياتى مال-مۈلكىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.
سەنشيانىڭ تەھدىتى يوشۇرۇپ قېلىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتتى
بۇ ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىككى ئاي ئۆتمەي تۇرۇپلا، يەنى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا، سەنشيا قۇرۇلۇشىغا يېقىن جايدىكى بىر تومۇر يول تونىلىنىڭ يېنىدا تۇپراق قىيىش قازاسى يۈز بېرىپ بىر ئادەم ئۆلدى، بىر كىشى يارىلاندى ۋە ئىككى كىشى غايىپ بولدى. بۇنىڭ ھامان ئارقىسىدىن خىتاينىڭ سەنشيا قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل كومىتېت بايانات ئېلان قىلىپ، سەنشيا قۇرۇلۇشى تەھدىتىنىڭ ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەسلىكىنى، مەۋجۇت ئېكولوگىك ۋە جۇغراپىيىلىك بۇزۇلۇشنىڭ قۇرۇلۇشنى پىلانلىغان چاغدىكى پەرەزدىن ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى، ئوخشاش بىر ئىدارە تەرىپىدىن بېرىلىۋاتقان ئوخشاش بولمىغان بايانات خىتاي پۇقرالىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا. بەزىلەر بۇ باياناتنى پەقەت رايون خەلقىنىڭ كۆڭلىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن بېرىلىۋاتقان بىر تەسەللى قارىماقتا.
ئۇزۇندىن بېرى، مۇھىت ئاسراش ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ماقالە يېزىپ كېلىۋاتقان يازغۇچى چۇ ئەيزۇڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: " سەنشيا قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك قۇرۇلۇشى، دۆلەت ئاخباراتى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پەقەت ياخشى گېپىگىلا قىلىدۇكى، يامان گېپىنى قىلمايدۇ؛ ئەگەر ئەتە-ئۆگۈن سۇ توسمىسى ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ بۇنى كىچىك بىر تەبئىي ئاپەت دەپ خەۋەر قىلىدۇ، قۇرۇلۇشنىڭ ئەسلى خاتالىقىدىن سۆز ئاچمايدۇ."
سەنشيا قۇرۇلۇش پىلانىغا باشتىنلا قارشى تۇرۇپ كەلگەن، بېيجىڭدىكى مۇھىت ئاسراش پائالىيەتچىلىرىدىن دەي جىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ۋەزىيەت شۇ دەرىجىدە خەتەرلىككى، يوشۇرۇپ قېلىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتتى، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ خەتەر يوق دىيەلمەستىن، خەتەر ئاز دېيىشىنىڭ ئۆزىلا، خەتەرنىڭ دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
كۆزەتكۈچىلەر، سەنشيا قۇرۇلۇشىنى خۇددى سەددىچىنگە ئوخشاشلا زور ۋە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قۇرۇلۇش دەپ قارايدۇ. خىتاي سەددىچىننى ئىجتىمائىي تەھدىتلەردىن يەنى شىمالى قوشنىلىرى بولغان ھۇنلاردىن قوغدىنىش ئۈچۈن بىنا قىلغان بولسا، سەنشيا قۇرۇلۇشىنى ياساشتا بولسا تەبىئىي ئاپەتتىن يەنى تارىختىن بېرى 10 مىڭلارچە خىتاينى ھاياتىدىن ئايرىپ كېلىۋاتقان كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەھدىتىدىن قوغدىنىش مەقسەت قىلىنغان. گەرچە توك ئىشلەپچىقىرىش بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يەنە بىر نىشانى بولسىمۇ، بۇ قۇرۇلۇش ئۆز ئىچىگە ھىدرو-ئېلېكترىك ئىستانسىنىڭ ئىشلەپچىقارغان توك مىقدارى پەقەت خىتايدىكى ئومۇمى توك ئىستىمال مىقدارىنىڭ %3 نى تەشكىل قىلىدۇ.
" دەريا لاتقىسى ئۇلغايغانسىرى گىئولوگىيىلىك ۋە ئېكولوگىيىلىك زىيان كۆپىيىدۇ "
سەنشيا قۇرۇلۇشى1914 -يىلى سۇن جۇڭشەن تەرىپىدىن پىلانلانغان، ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن توختىتىلغان، كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، 1992 -يىلى بۇ پلان قايتا كۈنتەرتىپكە كەلگەن ۋە تەستىقلانغان. ئەمما، سەنشيا قۇرۇلۇشى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، بۇ قۇرۇلۇشقا قارشى چىققۇچىلارنىڭ پەرەزلىرى توغرا بولۇپ چىقىۋاتىدۇ؛ قۇرۇلۇشنىڭ نۆۋەتتىكى زىيانلىرى، ئىچىملىك سۈيىنىڭ كىرلىشىشى، پاسكىنا سۇ سەۋەبىدىن ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى، دەريا ساھىلىنىڭ زەيلىشىشى، تۇپراق تەركىۋىنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىقلاردۇر؛ ئەڭ خەتەر دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان تەھدىتلەردىن بىرى، سەنشيا توسمىسى يىغىۋالغان دەريا لاتقىسىنىڭ توپلىنىپ ئۇلغايغانسىرى ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، گىئولوگىيىلىك ۋە ئېكولوگىيىلىك زىيانلىرىدۇر.
خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە 1950 -يىلى قۇرۇلغان باچىياڭ توسمىسىمۇ، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توك ئىشلەپچىقىرىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئەمما، بۇ قۇرۇلۇش 1975 -يىلى بۇزۇلۇپ 200 مىڭدىن ئوشۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولغان. (شۆھرەت ھوشۇر)