تەيۋەندە گومىنداڭچىلار پرېزىدېنت چېن شۈيبيەننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قوزغاپ مەغلۇپ بولدى
2006.06.27
"رويترس ئاگېنتلىقى"نىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن قانۇن پالاتاسىدا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان بىجىرىلىۋاتقان پرېزىدېنت چېن شۈيبيەننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش دېلوسى 6 ئاينىڭ 27 - كۈنى ئاخىرلاشتى. نەتىجىدە پرېزىدېنت چېن شۈيبيەننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ماقۇللۇقتىن ئۆتمىدى.
گومىنداڭچىلار قوزغىغان ھەرىكەت مەغلۇپ بولدى
تەيۋەن قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت پرېزىدېنتنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن قانۇن پالاتا ئەزالىرىنىڭ 3 تىن 2 قىسمىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يەنە دۆلەت پۇقرالىرىدىن رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرغان سايلىغۇچىلارنىڭ 50% تىن كۆپرەكىنىڭ ئاۋاز بېرىپ ماقۇللىشىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك. ھازىر قانۇن پالاتاسىدا گومىنداڭ ۋە چىنمىنداڭ پارتىيىلىرىدىن ئىبارەت كۆكچىلەر سېپى ئىگىلىگەن سان، گەرچە ھەممىسى پرېزىدېنتنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ئاۋاز بەرگەن تەقدىردىمۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سان تەلىپىگە يەنىلا يەتمەيتتى. نەتىجىدە گومىنداڭ ۋە چىنمىنداڭلاردىن ئىبارەت كۆكچىلەر ئىگىلىگەن 112 ئاۋازغا پارتىيىسىز گۇروھلاردىن قوشۇلغان ئاز ساندىكى ئاۋازنى قوشقاندا جەمئى 119 ئاۋاز ماقۇللىدى. دېموكراتىيە -ئىلغارلىق پارتىيىسىدىن قانۇن پالاتاسىغا كىرگەن ئەزالارنىڭ ھېچقايسى ئاۋاز بېرىشكە قاتناشمىدى. تەيۋەن بىرلەشمىسى پارتىيىسىدىن تاللانغان ئەزالار ئۈنۈمسىز ئاۋاز بەردى. شۇنىڭ بىلەن تەيۋەندە گومىنداڭچىلار پرېزىدېنت چېن شۈيبيەننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن قوزغىغان ھەرىكەت 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مەغلۇپ بولدى.
ھازىر نيۇيورك شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل سىياسىي مۇلاھىزىچى ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى ئېلان قىلغان ئوبزورىدا "تەيۋەن ھازىر بىر سىياسىي كرىزىسنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە. ھازىر گومىنداڭ، چىنمىنداڭ پارتىيىلىرى بىرلىشىپ ئويۇشقان كۆكچىلەر سېپى تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى، ئەگەر چېن شۇيبيەننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرالمىسا، تەيۋەننىڭ ئىچكى كابىنىتىغا ھۇجۇم قوزغاپ، مەمۇرىي پالاتا باشلىقىنى ئاغدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق چېن شۈيبيەن ھۆكۈمىتىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقچى بولدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى تەيۋەن پرېزىدېنتنى ئاغدۇرۇش، پرېزىدېنتنى ئاغدۇرالمىسا ئىچكى كابىنېتنى ئاغدۇرۇش، ئومۇمەن دۆلەتنى قالايمىقان قىلمىغۇچە توختىماسلىق" دېگەن.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن قانۇن پالاتاسى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 30 - چىسلاغىچە جەمئى 18 كۈن ئىچىدە ۋاقىتلىق مەجلىس ئېچىپ پرېزىدېنتنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن دېموكراتىك رەسمىيەتلەرنى ئۆتەشنى قارار قىلغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چىقتى. تەيۋەندە پرېزىدېنت چېن شۈيبيەننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن گومىنداڭچىلار قوزغىغان ھەرىكەت مەغلۇپ بولدى.
چېن شۈيبيەن: قانۇنىي رەسمىيەتكە ھۈرمەت قىلىش ھەممىدىن مۇھىم
ئاۋاز نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا، كۆكچىلەر مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن يىغلىغان بولسا، يېشىلچىلار غەلىبە قازانغانلىقىدىن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىدى. كۆكچىلەردىن كوچىلارغا چىققان مىڭلىغان ئادەم بىلەن يېشىلچىلاردىن كوچىلارغا چىققان تۈمەنلىگەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا چوڭ توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يەرلىكلەر بىلەن سىرتتىن كەلگەنلەر ئوتتۇرىسىدا كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ئاغرىنىدىغان ئىش بولمايمۇ قالمىدى. تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن ئېلان قىلغان باياناتىدا "تەختتە تۇرۇش ياكى تەختتىن چۈشۈش شەخسەن ئۆزەم ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس، قانۇنىي رەسمىيەتكە ھۈرمەت قىلىش ھەممىدىن مۇھىم. ھازىرقى بۇ قانۇنىي رەسمىيەت ئىچكى قىسىمدا سىياسىي مەسلىھەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە قارشى تەرىپىمىزدىكى قىرغاق بىلەن بولغان سۆھبەتنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ" دېدى.
"ئامېرىكا ئاۋازى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قانۇن پالاتاسىدىكى ئاۋاز قويۇش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېين، گومىنداڭ رەئىسى ما يىڭجيۇ گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ باش مەھكىمىسىگە كېلىپ قىلغان سۆزىدە "دېموكراتىيە ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن نومۇس بولغان بۈگۈنكى كۈننى تارىخ ئەستە قالدۇرىدۇ. ئۆزىنى يەرلىك ئالاھىدىلىكنى قىزغىن سۆيىدۇ دەپ ئاتايدىغان پارتىيە ۋە ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇش كېرەك دەپ ۋارقىرايدىغان پرېزىدېنت 23 مىليون خەلقنى بۇ كۈندە پرېزىدېنتنى ئېلىپ تاشلاش ياكى ساقلاپ قېلىشنى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇردى" دېگەن.
تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سۇ جېنفېڭ باھا بېرىپ، " قانۇن پالاتا ئەزالىرىنىڭ 3 تىن 2 قىسمىدىن كۆپرەكى ماقۇللاش" دېگەن ئۆلچەمگە يەتمەيدىغانلىقى بۇرۇنلا ئېنىق ئىدى. نەتىجىدىمۇ شۇنداق بولدى. مەيلى نېمە بولسۇن، بۇ تەيۋەندە يۈز بەرگەن بىر كرىزىس. چېن شۈيبيەننىڭ كۈيئوغلىنىڭ مەسىلىسى چېن شۇيبيەن ئۈچۈن ھېلىمۇ بىر نازۇك ھالقا بولۇپ تۇرماقتا. گەرچە بۇ جەرياندا يەرلىكلەر بىلەن سىرتتىن كەلگەنلەر ئوتتۇرىسىدا بەزى توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى بىئارام بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقە تەيۋەننىڭ دېموكراتىيە تارىخىدا يەنىلا بىر يېڭى سەھىپە. بۇ بىر ياخشى ئىش. ھېچبولمىغاندا، بۇ ۋەقە سىياسىيونلارغا ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى" دېگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەندە ئۆكتىچىلەرنىڭ پىلانى پارلامېنتتىن ئۆتمىدى
- تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسى چېن شۈيبيەننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چاقىرىقىنى باشلىدى
- چېن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى ئالياسكا بىلەن چەكلەندى
- خىتاي چېن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىغا قارشى چىقتى
- چېن شۇيبيەن بىلەن مايىڭجيۇنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى (1)
- خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا تەيۋەن مۇستەقىللىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى
- خىتاي چېن شۈيبيەنگە ھەربىي مانېۋىر بىلەن جاۋاب بەرمەكچى
- تەيۋەن: خىتاي تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى چۈشەنمەيدۇ
- بېيجىڭ: تەيۋەننىڭ خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكى "ئېغىر ئېغۋاگەرچىلىك"
- چېن شۇيبيەن خىتايدىكى بىر ئۆلكە باشلىقى ئەمەس