خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان مائارىپ سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ تىل ھەمدە مەدەنىيەت ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

كانادادا چىقىدىغان Globe and Mail گېزىتىدە 18 - دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا بېيجىڭدا، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى "خىتايدىكى مىللىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك" دېگەن تېمىدا مەخسۇس بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان خىتاي مۇتەخەسسىسلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت رايونىدا خىتاي بولمىغان بۇ ئىككى مىللەتنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىگە كۆرسىتىۋاتقان سەلبى تەسىرلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، بۇنىڭ تۈپتىن خاتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدە مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىنى ئۇزۇن مۇددەت يولغا قويۇشنى پىلانلاشتىن سىرت، ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنى تۈركۈم - تۈركۈملەپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ئاساسلىق 25 شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تولۇق ئوتتۇرا ھەتتا ئالى مەكتەپكە قەدەر خىتاي مائارىپى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتمەكتە.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزكۇر مائارىپ سىياسىتى، چەتئەللىك ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئەيىپلەنمەكتە. (ئەقىدە)