ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-08-15
مالايشيانىڭ باش مىنىستىرى ۋە قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ناجىپ ئەپەندى يېقىندا جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىغا بارغاندا، مالايشىيا تىلىدا لاياڭ - لاياڭ ئارىلى، خىتاي تىلىدا قالغاچ ئارىلى دەپ ئاتىلىۋاتقان ئاراللارنى مالايشيانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بار ئارال دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، تەيۋەن ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن راجىپنىڭ باياناتىغا قارشى چىقىپ، بۇ ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلىدى.
2008-08-15
بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان چىنخۇاڭداۋ شەھىرىدىكى ئامېرىكا، برازىلىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئارا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىغان جايدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى.
2008-08-15
بېيجىڭ ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىدا ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ مىللي كىيىمىنى كىيگەن 56 مىللەت بالىلىرى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرگەن بىر ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈش بار ئىدى. ھازىر بۇنىڭمۇ ساختا ئىكەنلىكى پاش بولۇپ قالدى.
2008-08-14
خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك داۋامىدىمۇ يەنىلا ئاخباراتچىلارغا ئەركىنلىك بېرىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىق بىلەن داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشلەرگە بۈگۈن ئىنكاس قايتۇردى.
2008-08-13
بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئىنتايىن يېقىملىق ئاۋاز ۋە ئوماق بەدەن ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلەپ ۋەتەن ھەققىدە ناخشا ئېيتقان لىن مياۋ ئىسىملىك بىر كىچىك ناخشا چولپىنى دۇنياغا تونۇلغان ئىدى.
2008-08-13
رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، مۇخبىرلارغا قولايلىق يارىتىدۇ دەپ جاكارلانغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئەتراپىغا، 12 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ برونىۋىكلىرى كىردى.
2008-08-11
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى بىر پروتېستانت چېركاۋىنىڭ يەكشەنبىلىك ئىبادەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى دىنىي ئەركىنلىكتىن قورقماسلىققا چاقىردى.
2008-08-10
ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ نىيۇكاسىل شەھىرىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر قوروسىدىكى بىر ئۆيدىن ئىككى نەپەر خىتاينىڭ جەسىتىنى تېپىلغان بولۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىشىغا توغرا كەلگەن بۇ قاتىللىق ۋەقەسى ئەنگىلىيە مەتبۇئاتلىرىنى زىل - زىلگە سالغان.
2008-08-09
تىبەت پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىماي بېيجىڭدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. شەنبە كۈنى ئۆزلىرىنى تىبەت بايراقلىرىغا ئورىۋالغان بەش تىبەت پائالىيەتچىسى تىيەن ئەنمىن مەيدانىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.
2008-08-08
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى بېيجىڭدا سۆز قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى سۆز ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىشكە يەنە بىر قېتىم ئۈندىدى. بۇش بۇ سۆزلەرنى شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى يېڭى ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەكىتلىدى.
2008-08-08
فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىشتىن بۇرۇن، خىتاي دائىرىلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى بەرگەن.
2008-08-06
كوممۇنىست خىتاينىڭ خوڭكوڭ دائىرىلىرى بۈگۈن ئىككى مەشھۇر دېموكراتچىنى چېگرىدىن كىرگۈزمىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭ بىرى خىتايدا 5 يىل تۈرمىدە ياتقان، ھازىر باش ئورگىنى ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ 'پۇقرالارنىڭ قۇدرىتى' ناملىق دېموكراتىك ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان ياڭ جيەنلى ئەپەندى.
2008-08-06
خىتاي ساقچىلىرى بۈگۈن ئەتىگەندە، بېيجىڭدىكى چاڭگا شەكىللىك ئولىمپىك مەيدانىغا يېقىن جايدىكى بىر چىراق تۈۋرۈكىگە يامىشىپ چىقىپ 'تىبەتكە ئەركىنلىك'، 'پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۈمىدى بىر، ئۇ بولسىمۇ تىبەتكە ئەركىنلىك' دېگەن ئېنگىلىزچە خەت يېزىلغان پىلاكاتلارنى ئاسقان تۆت چەتئەللىكنى تۇتۇپ كەتكەن.
2008-08-06
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپىنچە ئۇچۇر ۋاستىلىرى خىتاينىڭ قەشقەردىكى ئەمەلدارى شى داگاڭنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ، 4 - ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە خەۋەر بەرگەندە 'ئەستايىدىل پىلانلانغان ھەرىكەت'، 'قوراللىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەرىپىدىن تەربىيىلەنگەنلەرنىڭ قوراللىرىغا ئوخشايدۇ' دەپ ۋە ئەل - قائىدىچىلەرگە چېتىپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.
2008-08-05
بىرلەشمە ئاخباراتىنىڭ 5 - ئاۋغۇست خەۋەر ئېلان قىلىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىكىغا تۆت كۈن قالغاندا يۈز بەرگەن قەشقەردىكى خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا شەھەرلىرى شۇنداقلا پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن، گەرچە بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن قەشقەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە 4000 كىلومېتىر يىراقتا بولسىمۇ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن.