تەيۋەن خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىگىلىك ھوقوقىنى قۇربان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تەيۋەن پرېزدېنتى چىن شۈيبىيەن پەيشەنبە كۈنى تېلېۋىزوردا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقوقى، بىخەتەرلىكى ۋە غورورىنى قۇربان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چىن شۈيبىيەن نۆۋەتتە پانامانى زىيارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ جۈمە كۈنىدىكى تەيۋەن ئارمىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن يۇقىردىكى نۇتۇقنى ئالدىنئالا سىنئالغۇغا ئېلىپ، پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان.
ئۇ سۆزىدە مۇنداق دىگەن: "بىز ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ قېتىم دوستانە نىيىتىمىزنى ئىپادىلىدۇق. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ ھازىرقى ئورنىغا كۆز يۇمغانلىقى، ئىككى تەرەپ ئىختىلابىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل بولىۋاتىدۇ".
چىن شۈيبىيەن بۇ نۇتۇقنى ئېلان قىلىشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، تەيۋەندىكى خەنگۇاڭ ھەربىي مانېۋىرنى ئۆتكۈزۈشنى بىكار قىلغان ئىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي تەرەپمۇ تەيۋەننى نىشان قىلغان بىر ھەربىي مانېۋىرنى ئۆتكۈزمىگەن.
بۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، يېقىندا تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق خەلق رايىنى سىناشتا، % 73 كىشىنىڭ، خىتاينىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىدا ئېرىشكەن ئالتۇن مىدال سانىدىن پەخىرلەنمەيدىغانلىقى مەلۇم بولغان. (ئارزۇ)