تەيۋەن ھەربىي مانېۋىردا ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى نامايەن قىلدى


2008.01.24

تەيۋەن پارلامېنتىدا كۆپ سانلىق ئورۇن تەيۋەندىكى مىللەتچى پارتىيە‏ - گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ما يىڭجيۇ ئەگەر بۇ يىل 3- ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىپ قالسا ، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئارىسىدا بىۋاستە قاتنايدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي بىلەن باشقا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

ھالبۇكى ، تەيۋەن دۆلەت سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇش ئېھتىماللىقى تۇغۇلۇۋاتقان ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا تەيۋەن مۇستەقىللىق غايىسىدىن ۋاز كەچكەن ئوخشايدۇ دېگەندەك شۈبھىلىك پىكىرلەر مەيدانغا كېلىۋاتقان پەيتلەردە ، تەيۋەندە دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان ھەربىي تەسىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەيۋەن دائىرىلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇش ۋە ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئارمىيىسىنىڭ بىرلىكتە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئىنكاس قايتۇرۇش شەكلىدىكى ھەر خىل تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۈگۈن تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن شۇ خىلدىكى بىر ھەربىي مانېۋىر بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر .

مەزكۇر بومبىنىڭ ئېتىش ئارىلىقى 200 كىلو مېتىر بولۇپ چوڭ تىپىتىكى ھەربىي پاراخوتلار ئەترىتىگە زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە

23-24- يانۋار كۈنلىرى تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئۈچ خىل ئارمىيە بىرلىكتە ئىشتىراك قىلغان ئىككى كۇنلۇك بىر ھەربى مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، تەيۋەن ئارمىيىلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارى دىققەتنى ئالاھىدە تارتىدىغان بولۇپ، تەيۋەن بۇ خىلىدىكى مانېۋىر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەربىي تېخنىكىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا، تەيۋەن بۇ نۆۋەت ئۆتكەن يىلى ياساپ چىققان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى سىناق قىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن.

تەيۋەن ئۆتكەن يىلىدىكى دۆلەت بايرىمىدا، ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان شيۇڭفېڭ ( دەھشەتلىك بوران) 3 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى پاراتتىن ئۆتكۈزگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر بومبىنىڭ ئېتىش ئارىلىقى 200 كىلو مېتىر بولۇپ چوڭ تىپىتىكى ھەربىي پاراخوتلار ئەترىتىگە زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىدا تەيۋەن دېڭىز ئارمىيە پاراخوت ئەترىتى قوماندانلىق شتابىنىڭ مۇدىرى ليۇ رېنجىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇ ھازىر شيۇڭفېڭ 3 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ تەيۋەننىڭ گاۋ شيۇڭ رايونىدىكى ئوڭ قانات ھەربىي پورتىغا جايلاشقان مۇۋاپپەقىيەت ئالىي دەرىجىلىك چارلىغۇچى پاراخوتلىرىغا سەپلىنىپ بولغانلىقىنى ، ھازىر سىناق قىلىش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيىلىرىنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارى خىتاينىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مانېۋىرنىڭ ئىككىنچى كۈنى يەنى پەيشەنبە كۈنى، گاۋشيۇڭدىكى سول قانات ھەربىي پورتىدا دېڭىز يۈزىدە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا تەيۋەننىڭ ھۇجۇمچى ، قوغدىغۇچى، سۇ مىناسى تازىلىغۇچى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تىز سۈرئەتلىك كاتېر ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تىك ئۇچار قىسىملىرىدىن ئىبارەت قىسىملارنىڭ ماسلىشىپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغان بولسا، بىرىنچى كۈنىدىكى مانېۋىردا گاۋشيۇڭ بازىدىكى قۇرۇقلۇق قىسىملىرى برونېۋىكچىلار قىسىمى 564 برىگادىسى خىتاي ئازادلىقى ئارمىيىسىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش مەشىقى ئېلىپ بارغان. بۇنىڭدا تەيۋەن ئۆزى ياساپ چىققان برونېۋىك ۋە تىك ئۇچار ۋە زەمبىرەكلەرنى ئىشقا سالغان.

دۆلەت مۇداپىئە تەقرىزى ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى پىنوكوفنىڭ ئامېرىكا ئاۋازىغا بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەننىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ قوراللىرى بىر ئاز قالاق بولۇپ، ئەمما قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيىلىرىنىڭ ماسلىشىپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن ۋە ئۇرۇش مەيداننىڭ ئەھۋالىنى كونترول قلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن.

دەرۋەقە، ب ب س دا كۆرسىتىشىچە، تەيۋەن دۆلەت بىخەتەرلىكى كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى كې چېڭخېڭ، ھازىر خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا سۇ ئاستى ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ پائالىيىتى قېتىم سانىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق تەيۋەننى " خىتاي دېڭىز تەۋەسىدىكى رايون" غا ئايلاندۇرۇش مەقسىتىنىڭ بارغانچە ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا تەيۋەننىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى يېڭىلاپ خىتاينىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

كې چېڭخېڭ ياپونىيىنىڭ "تىجارەت خەۋەرلىرى" ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي پاراخوت ئەترەتلىرىنىڭ ياپونىيە، تەيۋەن ۋە سىنگاپور ئاراللىرى تىزمىلىرىدىن ئۆتۈش قېتىم سانىنىڭ بارغانچە كۆپەيگەنلىكىنى، بۇ 1990- يىللاردىكى يىلغا بىر ياكى ئىككى قېتىم بولغان بولسا ئۆتكەنكى ئىككى يىل مابەينىدە 5- 6 قېتىمغا يەتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئۇ خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى ئۆز چېگىرىسى سىرتىدىكى ئوكيانلارغىچە كېڭەيتىشىدىكى مەقسەتنىڭ ئەگەر تەيۋەن بوغۇزىدا جىددىي ئەھۋال يۇز بەرگەن پەيتتە، ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا ئەتىرىتىنىڭ ياردەمگە كېلىشىنى چەكلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شەرقى ئاسىيا تەھلىلچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھەربىي كۈچى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئۈنۈملۈك توسۇش ۋە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بىلەن ئۇزۇن مۇددەت جەڭ قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىكەن.

تەيۋەن مۇداپىئە ۋە قايتۇرما ھۇجۇم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك

كې چېڭخېڭ، تەيۋەننىڭ ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ياردەمگە كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا تەيۋەن چوقۇم باشقۇرۇلىدىغان بومبا، رادار ۋە ھەربىي ئايرودروم تېخنىكىلىرىنى ئىلغارلاشتۇرۇپ، مۇداپىئە ۋە قايتۇرما ھۇجۇم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ يەنە ، تەيۋەننىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە خىتاي بىلەن خېلى چوڭقۇر مۇناسىۋەتكە ئىگە بولسىمۇ ، ئەمما بىخەتەرلىك جەھەتتە خەۋپسىرەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەر زامان تۇيۇقسىز ھۇجۇم قېلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارى ۋە قورال-ياراقلىرىنىڭ تېخنىكىسىنى يېڭىلاشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە شۇ سەۋەبتىن تەيۋەننىڭ ھەر يىلى شۇ خىلدىكى تېخنىكىلارنى يېڭىلاشقا كۆپ كۇچ سەرپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە ھەربىي مانېۋىرلارنى بىر-ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە خىتايغا "بىزنىڭمۇ ھەربىي كۈچىمىز بار" دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ھازىر تەيۋەن 3 ھەربىي بازىسىغا ئامېرىكىنىڭ "ۋەتەنپەرۋەر 2 تىپلىق " باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمسىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، تەيۋەن يەنە ئامېرىكىنىڭ "ۋەتەنپەرۋەر 3 تىپلىق" بومبىسىنى سېتىۋېلىشقا تېرىشىۋاتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا 2007- يىلى 9- ئايدا ئامېرىكا تەرەپ تەيۋەنگە 12 دانە پ ك3 تىپلىق رازۋېتكا ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشكە قوشۇلغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىردەك قارىشىچە، تەيۋەن بۇ قوراللارغا ئېرىشكەندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرەلەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.