پاكسىتان خىتايدىكى مېھمانخانىلارغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھوجۇم تەھدىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تەكشۈرمەكتە
2005.11.24
پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە نامەلۇم گۇرۇھلارنىڭ خىتاي ۋە خوڭكوڭدىكى مېھمانخانىلارغا تېررورلۇق ھوجۇم قوزغاش تەھدىتى سالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.
پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈچ ھەپتە ئاۋۋال، خىتاينىڭ كاراچىدىكى كونسۇلخانىسىغا " ئەلى " ئىسىملىك بىرسىنىڭ نامىد &# xFE8D; بىر تەھدىت خېتى فاكىس قىلىنغان. ئارقىدىن ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى، پۇقرالىرىنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش خېتى چىقارغان ئىدى. كىيىن خىتاي ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ ئۇچۇرنىڭ مەنبەسىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇ ئۇقتۇرۇشنى قايتۇرۇۋالغان.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان تەكشۈرگۈچىلىرى نۆۋەتتە بۇ تەھدىتنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى دېگەن تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن گۇمانلانماقتا ئىكەن. پاكىستان ئاخبارات دائىرىلىرى، پاكسىتاندا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئاز بىر قىسىم دىنىي پىدائىيلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى ۋە پات ئارىدا ئۇلارنىڭ پا &# xFE8B;الىيەتلىرىنى يىغۇشتۇرىدىغا &# xFEE7;لىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرى پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرخانىلىرىنى تاقاپ، پاكىستاندا دىنىي تەلىم- تەربىيە ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ قىسمەنلىرىگە ئېغىر جازا بەرگەن ئىدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قارىتىلغان تېررورلۇق تەھدىت ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
- ئامېرىكا، خىتايدا تېررور تەھدىدى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تېررورلۇق ھۇجۇم ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى قايتۇرۇۋالدى
- خىتاي، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى ئىسلامىي كۈچلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى بىلەن ئاگاھلاندۇردى
- خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسى تەھدىت خېتى تاپشۇرۇۋالغان