مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 16 - ئىيۇن تەيبېيدىن بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئەدىلىيە مىنىسىتىرلىقى قارمىغىدىكى تېررورچىلىققا زەربە بېرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاۋ يوڭچېن "تېررورچىلىققا قارشى قانۇن" بېكىتىپ، تېررورچىلىق پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بېيجىڭ كەچلىك گېزىتى ، جاۋ يوڭچېننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: "دۆلىتىمىز يەنىلا تېررورچىلىقنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان تېررور كۈچلىرى بىزگە نىسبەتەن ئاساسلىق تېررور تەھدىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستانچىلار، شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدە 200 قېتىمدىن ئارتۇق تېررور ۋەقەسى سادىر قىلدى" .
جاۋ يوڭچېن سۆزىدە يەنە، ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا تېررور كۈچلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررور ھۇجۇمىنىڭ قۇربانىغا ئايلانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مۈكەممەل بولغان "تېررورچىلىققا زەربە بېرىش قانۇن" نى تىكلەش ئارقىلىق، تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىش، بولۇپمۇ تېررورچىلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى كېسىپ تاشلاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان جاۋ يوڭچېن يەنە، خەلقئارا تېررورچىلىققا زەربە بېرىش تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، يېقىندا "ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىقىلماقتا" دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئويدۇرما پاكىتلارنى يارىتىش ئارقىلىق، چەتئەللەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي داۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنلۇق تەشكىلاتلارنى قارىلاۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. (ئەقىدە)