خىتاي سۈنئىي ھەمراھى سىچۈئەندىكى ئاھالىلار رايونىغا چۈشۈپ كەتتى


2004.10.17

يەر يۈزىگە قايتىپ كېلىۋاتقان خىتاي پەن تەتقىقات سۈنئىي ھەمراھى سىچۈئەندىكى بىر ئاھالىلار رايونىغا چۈشۈپ كەتتى. ۋەقە جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن. خىتاي سۈنئىي ھەمراھى ئالەم بوشلىقىنى 18 كۈن ئايلانغاندىن كېيىن يەر يۈزىگە قايتىپ كېلىۋاتقاندا تېخنىكىلىق كاشىلا كېلىپ چىققان. سۈنئىي ھەمراھ سىچۈەننىڭ دايىڭ ناھىيىسى فېڭ لەيجىن بازىرىدىكى ئاھالىلار ئولتۇرۇشلۇق 4 قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئۈستىگە چۈشكەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۈنئىي ھەمراھ بىنانىڭ 4 - قەۋىتىدىكى بىر ئائىلىلىكنىڭ ئۆگزىسىنى تېشىۋەتكەن، ئۆي ئىچىدىكى كارىۋات قاتارلىق ئائىلە سايمانلىرىنى ۋەيران قىلغان، بىراق ۋەقەدە ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۆي ئىگىسى سۈنئىي ھەمراھ چۈشۈپ كېتىشتىن 5 مىنۇت بۇرۇن بىر ئىش بىلەن تالاغا چىقىپ كەتكەن ئىكەن. ۋەقەدىن كېيىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نەق مەيداننى دەرھال قامال قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەم سۈنئىي ھەمراھ قالدۇقلىرىنى ئېلىپ كەتكەن. بىراق خىتاي مەتبۇئاتلىرى سۈنئىي ھەمراھنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاھالىلار رايونغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى، قانداق كاشىلا چىققانلىقى توغرىسىدا توختالمىدى. ئاھالىلار رايونىغا چۈشۈپ كەتكەن سۈنئىي ھەمراھ، خىتايلار 1975 - يىلى تۇنجى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەندىن بېرى يەر يۈزىگە قايتۇرۇپ كەلگەن 20 - سۈنئىي ھەمراھ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.