خىتاي مېترولوگىيە باش ئىدارىسى18 - سېنتەبىر بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 6 دە تەيفېڭ بورىنى تەھدىتى سېگنالى بەردى. مېترولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىغاندا ، بۈگۈن سەھەر بەش ئەتراپىدا 13 - نومۇرلۇق ۋىيپا ئىسىملىق دەھشەتلىك تەيفىڭ دۇڭخەي دېڭىزىغا كەلگەن بولۇپ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا قاراپ سائىتىگە 20 كېلومېتىر سۈرۈلىۋاتقان ئىكەن، بوراننىڭ مەركىزى قىسمىنىڭ سۈرئىتى 16 بال كېلىدىكەن.
مۆلچەرلىنىشىچە ، تەيفېڭ بورىنى مۇشۇ سۈرئەت ۋە يۆلىنىش بىلەن ئىلگىرىلىگەندە ئەتە ئەتىگەن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىملىرى تەيۋەن دېڭىز ئاراللىرى، فۇجيەن ۋە جياڭسۇنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسىملىرى ، فۇجيەننىڭ ئوتتۇرا ھەم شەرقىي قىسىملىرى قاتارلىق كەڭ دائىرىدە يامغۇرلۇق بوران ھاسىل قىلىپ ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ئاپەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، بۇ قېتىملىق تەيفېڭ بورىنى ئون يىلدىن بۇيانقى كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىقى ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋېيپا ئىسىملىك بۇ تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەھدىتىگە بىۋاستە ئۇچراش ئالدىدىكى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاڭخەي قاتارلىق دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىن 200 مىڭ ئاممىنى باشقا جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇشقا باشلىغان.
بۇ تەيفېڭ خىتاينىڭ خۇادۇڭ دېڭىز ياقىلىرىغا ئۈچ كۈن ئەتراپىدا تەسىر كۆرسىتىدىكەن شۇنداقلا بۇ ئەتراپتىكى شەھەر ئاممىسىنىڭ نورمال تۇرمۇشى ، قاتناش ، دېڭىز ترانسىپورتى ۋە ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرىنى بىر مەھەل پالەچ قىلىدىكەن.
شاڭخەي شەھەرلىك مېترولوگىيە ئىدارىسى 18 - سېنتەبىر سەھەر تەيفېڭدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىگنالى بەرگەن ۋە ئاممىنى بۇ تەيفېڭنىڭ ئوي ئىمارەتلەرنى، تۈۋرۈك ،دەل- دەرەخ ھەمدە ئېلان تاختىلىرىنى ئۆرۈپ، ئېغىر ھاياتى تەھدىت ۋە ئاپەت كەلتۈرىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان. (گۈلچېھرە)