ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا، خىتاينى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى


2007.05.26

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى توغرىسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ تېخى تەيۋەنگە قارشى غەلىبىلىك بىر ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا "خىتاي تېخى تەيۋەندە سىياسىي مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ھەربىي ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس. خىتاي رەھبەرلىرى، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا بۇ جېدەلگە ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىدىغانلىقىنى ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىدىغان بىر دۈشمەنلىك پەيدا بولىدىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇنىڭ خىتاينىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ" دېيىلگەن.

دوكلاتتا شۇنداقلا ئەگەر، خىتاي تەيۋەنگە قارشى ھۇجۇم قوزغىسا، بۇنىڭ خىتاي ئىقتسادىنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىدىغانلىقى ھەمدە خىتايغا قارشى خەلقئارا بىر ئىمبارگو يولغا قويۇلۇشىغا سەۋەب بولۇدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ھەربىي ۋە سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، جۈمە كۈنى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتنى، ھازىرغىچە ئامېرىكا تەرىپىدىن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا خىتايغا بېرىلگەن ئەڭ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش دەپ كۆرسەتمەكتە ھەمدە بۇ دوكلاتنىڭ ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ دوكلاتىنىڭ، ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ئامېرىكا ئالىي دەرىجىلىك سودا سۆھبىتىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلىشىشى ئارقىسىدا ئېلان قىلىنغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.(ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.